خىزمەت ئىزدەشنى سودىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇلازىمىتى ئىشەنچلىكمۇ؟ (1)
17:30:19 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە ھەق ئېلىپ، «يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز»، ھەتتا «داڭلىق كارخانىلارغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز»، دەپ جار سالىدۇ.

خىزمەت ئىزدەشنى سودىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇلازىمىتى ئىشەنچلىكمۇ؟

ھەر قېتىم ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدەش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ھەمىشە بىر قىسىم خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسى ئەرزان ئەمەس، نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە، لېكىن ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن بەرگەن ۋەدىسى بىردەك بولماسلىق، ھەق قايتۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.

«بالىڭىزنىڭ قانائەتلىنەرلىك خىزمەت تاپالماسلىقى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ياخشى يازمىغانلىقىدىن بولغان، بىزنىڭ بۇ يەردە تىزىملاتسا، ئۈچ ئايدىلا بالىڭىز ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ». بۇ يىل 4- ئايدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان شياۋجاڭ خىزمەت ئىزدەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، شياۋجاڭنىڭ ئاتا- ئانىسى بېيجىڭدىكى بىر خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 6000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ ئۇنى تىزىمغا ئالدۇرغان. ئاپپارات تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن شياۋجاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھان يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىم ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدەش پەسلى كەلگەندە، خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ھەمىشە بىر قىسىم خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئاپپاراتلار ئىچىدە، بەزىلىرى قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىچكى قىسىمدا تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا يېتەكچىلىك قىلىش، مائاش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق «بىر يۈرۈش» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بەزىلىرى «چوڭ كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ياكى نوپۇزلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى خادىملىرى بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىدۇ»، «يۇقىرى مائاش ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز»، «داڭلىق كارخانىلارغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز»، دەپ جار سالىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئورگانلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسى نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ھەر خىل بولۇپ، بەزى ئاپپاراتلاردا ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن بەرگەن ۋەدىسى بىردەك بولماسلىق، ھەق قايتۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئورگانلىرىغا تايىنىپ خىزمەت ئىزدىسە بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئازگالغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنالايدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدى.

ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن بەرگەن ۋەدىسى بىردەك بولمىدى

پايتەخت ئىقتىساد- سودا داشۆسى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ شۈخۇا مۇخبىرغا مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى داۋاملىق زورايدى، مەلۇم مەنىدىن قارىغاندا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئاپپاراتنىڭ كەسپىي مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم ساھەدىكى ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئەھۋالىنى نىسبەتەن توغرا چۈشىنىپ، بەلگىلىك خىزمەت ئىزدەش ماھارىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئىزدەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇردى.

گەرچە بىر قىسىم خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ يۆتكىلىپ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىيەلىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئاپپاراتلاردا ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن ۋەدە قىلغان مەزمۇننىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ، مۇلازىمەت سۈپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.

شياۋجاڭ مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: مەن ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن بەرگەن ۋەدە بىردەك بولماسلىقتەك مۇلازىمەتنى باشتىن كەچۈرگەن، «تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن ساتقۇچى مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمدا نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى ئېيتتى، لېكىن تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى ئۆزگەرتىشكە مەسئۇل كىشى <مەسىلە بەك كىچىك> دېدى، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئالدى- كەينىنى ئازراق تەڭشىدى ۋە شەكلىنى ئازراق ئۆزگەرتتى. ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇشمۇ بەك ئاددىي بولدى، <ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بولىدۇ> دېگەن بولسىمۇ، بەزىدە پەقەت بىر قېتىملا بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئىش ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئاساسەن پايدىسى بولمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يازما ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ ھەممىسى لېنتىغا ئېلىپ قويۇلغان دەرسلەر بولۇپ، مەزمۇنى ئاز، بىر- بىرىگە باغلانمىغان ئىكەن، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى ناھايىتى تەس».

«ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى شۇكى، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا <مەلۇم چوڭ تىپتىكى كارخانىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ، بىز قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاسىتە تىزىمغا ئالدۇرالايمىز>، دەيدۇ، ئاندىن ھەر خىل دەرسلەرنى ئۈزلۈكسىز بازارغا سالىدۇ». گەرچە شياۋجاڭنىڭ ئەينى چاغدا بۇ چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىسىغا ئىمتىھان بېرىش پىلانى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كارخانىغا كىرگەندىن كېيىنكى ياخشى تەمىنات ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنىلا سىناپ بېقىشنى قارار قىلغان. ئەمما ئۇ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، بۇ كارخانا قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاپپاراتنىڭ ئۇچۇر پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇشقا ئازدۇرغانلىقىنى بىلدى.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125