ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىنى قۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش، كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ناھىيە، يېزىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئۈچ جاي تاللانغان.
تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۈچ جاي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى، بىڭتۇەن 8- شىسى شىخەنزە شەھىرى ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىنى قۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش، كېڭەيتىش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 2025- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، تېز- ئاستا توك قاچىلاش بىرلەشتۈرۈلگەن، مۇۋاپىق ئالدىدا ماڭىدىغان توك قاچىلاش تورى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى يەكۈنلەپ، مۇۋاپىق پەيتتە كېڭەيتىش، قوللىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)