«بازاردىكى خۇشاللىقلار» ناملىق كىنو قەشقەر شەھىرىدە سۈرەتكە ئېلىنماقتا
12:27:25 2024-07-22 قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پىلانلاپ تەشكىللىگەن، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىجاد قىلىپ ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان «بازاردىكى خۇشاللىقلار» ناملىق كىنو قەشقەر شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 بۇ كىنودا، قەشقەر ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان بىر سازەندە ۋە بىر بازار ۋاسىتىچىسىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى بايان قىلىنغان. 20 يىل ئىلگىرى بۇ ئىككىيلەن 300 يىل تارقىلىپ يۈرگەن قالۇن توغرىسىدا زىددىيەتلىشىپ قالغان، كېيىن ئۇلارنىڭ بالىلىرى مۇھەببەتلەشكەن، بۇ ئىككى ئائىلە نۇرغۇن خۇشاللىق ۋە خاپىلىقتىن كېيىن ئاخىرى قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قالغان، فىلىمدە قەشقەر ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇغا، چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىككە ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇش جەريانى جانلىق بايان قىلىنغان.

 ئىگىلىنىشىچە، «بازاردىكى خۇشاللىقلار»نى ئىجاد قىلىش ئەترىتى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەردىن كۆپ قېتىم مەسلىھەت سوراپ، سەھنە ئەسىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا دەۋر ھارارىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىغا ئىگە نادىر ئەسەرنى ئىجاد قىلغان. شياڭگاڭلىق نوپۇزلۇق كىنو ئىشلىگۈچى لىن بىڭكۇن بىلەن جياڭ گومىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇ كىنونى نازارەت قىلىپ ئىشلەش ۋە سۈرەتكە ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان، داڭلىق ئارتىس خۇڭ جيەنتاۋ، نيۇ لى قاتارلىقلار ئاساسلىق ئارتىس بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان.

 ئارتىس نيۇ لى مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كېلىشىم، قەشقەردىكى ھەممە ئىشلار مېنى ھەيران قالدۇردى، داپەنجى، پولۇ، نان ھەممىسى بەك يېيىشلىك ئىكەن. بۇ قېتىم كىنو ئىشلەش جەريانىدا ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ئارتىسلار بىر قەدەر كۆپ، بىز ئۆزئارا ناھايىتى ياخشى پىكىر ئالماشتۇردۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئەستايىدىل، تىرىشچان، مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

 ئارتىس خۇڭ جيەنتاۋ مۇنداق دېدى: مېنىڭ شىنجاڭغا بىر خىل ئالاھىدە مۇھەببىتىم بار، ئىزچىل قەشقەرگە ئىنتىلەتتىم، بۇ قېتىمقى كىنو سۈرەتكە ئېلىش پۇرسىتىنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن، تاماق يەپ بولۇپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادىتى ۋە قىزغىن مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ناھايىتى ئازادە ھېس قىلدىم. بۇ قېتىمقى كىنونى سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ، گۈزەل قەشقەرنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى، قەشقەرنى چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇنداق دېدى: بىز ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت كوللېكتىپىنى تەكلىپ قىلدۇق، يەنە فوتوگراف، چىراغچى قاتارلىقلارمۇ بار، تەخمىنەن بىر ئاي ئەتراپىدا ئالدىنقى باسقۇچلۇق سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، يېڭى دەۋردىكى، ئوخشىمايدىغان قەشقەرنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 «بازاردىكى خۇشاللىقلار» تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى «كىنو+ مەدەنىيەت» سەنئىتىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان يېڭى كىنو بولۇپ، كومېدىيەلىك بايان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادىتىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىدۇ. كىنو ئىشلەش گۇرۇپپىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەشقەر شەھىرىدىن باشقا، يەنە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە بېرىپ مەنزىرە تاللاپ سۈرەتكە ئېلىپ، قەشقەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىنىدىكەن.

 (قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەرھابا، مەمەتساۋۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125