قەشقەر شەھىرىدىكى 36 مىڭ 100 مو كۆلەمدىكى شاپتۇل- توغاچلار پىشتى
21:37:49 2024-07-19 قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 ھازىر قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى يېزا- بازارلىرىنىڭ توغاچلىق باغلىرىدىكى توغاچ دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى قىپقىزىل توغاچلار بىلەن تولۇپ، يازنىڭ شېرىن تەمىنى ئاشۇردى.

 ئاۋات يېزىسىنىڭ توغاچلىق كەنتىدە 500 مو كۆلەمدە توغاچلىق باغ بار. كەنت ئاھالىسى گۈلجامال يۈسۈپنىڭ بېغىدا بۈك- باراقسان ئۆسكەن توغاچ دەرەخلىرى چوڭ- كىچىكلىكى تەكشى، سىرتقى كۆرۈنۈشى سىلىق قىپقىزىل توغاچلار بىلەن تولغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى توغاچلىق باغقا چىقىپ توغاچ ئۈزۈپ، تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

 گۈلجامال يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىزنىڭ بەش مو يەردىكى توغاچ ناھايىتى ياخشى مېۋە بەردى، مۆلچەرىمىزچە ھەر مو توغاچنىڭ ھوسۇلى ئىككى توننا ئەتراپىدا بولىدۇ، توغاچنىڭ سۈپىتى ياخشى، بۇ بىر نەچچە كۈندە نۇرغۇن كىشى كېلىپ توغاچ ئۈزۈۋاتىدۇ.

图片

 شەھەر ئاھالىسى ئايگۈل مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش كۈنىدە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە توغاچلىق باغقا كېلىپ ھەپتە ئاخىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق، بۇ يەردىكى توغاچلار ھەم چۈرۈك ھەم تاتلىق، قايتىدىغان ۋاقىتتا بىر نەچچە كىلوگىرام سېتىۋېلىپ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمىزگە بېرىمىز.

图片

 ئاۋات يېزىسى تۇغبېشى كەنتىدىكى دېھقان مىجىت ئالىم ئۆزىنىڭ شاپتۇللۇق بېغىدا ئۈزۈۋېلىنغان يېڭى شاپتۇللارنى تاللاش، ئايرىپ قاچىلاش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئالدىراش تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ كۆكلەم بازىرىدىن كەلگەن سېتىۋالغۇچىنىڭ 500 كىلوگىرامدىن ئارتۇق يەرلىك شاپتۇل سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

图片

 يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ تېرەكئېرىق كەنتىدە توقاچ شاپتۇل، توغاچ، شىرنىلىك شاپتۇللار كەڭ كۆلەمدە پىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يېزا يېڭى سورتلارنى داۋاملىق كىرگۈزۈپ، تۈجۈپىلەشكەن، كۇرسلۇق، پەن- تېخنىكىلاشقان تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، شاپتۇلنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سانى بىلەن پايدا ئېلىشتىن سۈپەتتىن پايدا ئېلىشقا ئۆزگەرتتى.

图片

 يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تېرەكئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېربول خالزات مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنتىمىزدىكى 379 مو كۆلەمدىكى شاپتۇلدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى ئىككى توننىغا يەتتى، ھازىر توقاچ شاپتۇل، شىرنىلىك شاپتۇل بازارغا سېلىندى، پات ئارىدا يەنە يېڭى سورتلۇق شاپتۇل بازارغا سېلىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ تېتىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.

图片

 شاپتۇلنىڭ سۈپىتى ۋە ھوسۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى ھەرقايسى يېزا- بازارلارنىڭ باغ پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چاتاش، ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ  ئالدىنى ئېلىشتىن تارتىپ ئۈزۈشكىچە بولغان ھالقىلارنى مۇناسىپ تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە تېخنىكا، ئۇچۇر، بايلىق قاتارلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەرقايسى يېزا- بازارلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس باغۋەنچىلىكنى يۆلەپ ۋە زورايتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بەردى.

图片

 قەشقەر شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى مېۋە، كۆكتات تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ئەسقەر ئابباس مۇنداق دېدى: قەشقەر شەھىرىنىڭ باغ- ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 184 مىڭ 700 مو، بۇنىڭ ئىچىدە شاپتۇل- توغاچ  كۆلىمى 36 مىڭ 100 مو بولۇپ، ئاساسلىقى ئاۋات يېزىسى، يېڭىئۆستەڭ يېزىسىغا تارقالغان، سورتلىرى توغاچ ۋە يەرلىك شاپتۇلنى ئاساس قىلىدۇ. سۇ، ئوغۇت پەرۋىشىنى كۈچەيتىش، چاتاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، بۇ يىل شاپتۇلنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 29 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. بىز سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئەلالىرىنى ئۇلاپ سورتنى ياخشىلاپ، مېۋە سۈپىتى ۋە ھوسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پايدىنى، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.

 (قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى گۇلنۇر، ۋاڭ رۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125