7- ئاينىڭ 15- كۈنى، چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى باش تېمىلىق تىياتىر «ھاياجانلىق قەشقەر»نىڭ 2.0 نۇسخىسى 2024- يىللىق مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا تۇنجى مەيدان قويۇلدى، نۇر، سايە بىلەن سەنئەتنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى ئارقىلىق، شانلىق يىپەك يولى رىۋايىتى قايتا نامايان قىلىندى.
قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن، سەھنىدە يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى LED چوڭ ئېكرانى بىلەن ئىستېرېئولۇق ئاۋاز مۇكەممەل بىرىكىپ، خىيالىي تۇيغۇغا تولغان كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ئارتىسلار چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى، كۆز ئىشارەتلىرىدىن ھېسسىيات ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئۇرغۇپ، تاماشىبىنلارنى رىۋايەت تۈسىگە تولغان دۇنياغا باشلاپ كىردى.
ئارتىس جاڭ يۈخەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن كەچتىكى ئويۇن بىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ زور مەدەت.
«ھاياجانلىق قەشقەر» ناملىق ئويۇننىڭ 2.0 نۇسخىسىدا شەرقىي خەن سۇلالىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، چاڭئەنلىك بىر ياشنىڭ بەن چاۋنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، يىپەك يولىغا قەدەم قويغانلىقىدەك رىۋايەتلىك ھېكايىسى بايان قىلىندى. ئۇنىڭ 1- پەردىدىكى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق قەشقەرنىڭ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم كېسىشىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سودا ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان مەنزىرىسى جانلىق نامايان قىلىندى. پۈتكۈل تىياتىردا نەپىس سەھنە لايىھەسى، نەپىس ئۇسسۇل نومۇرلىرى ۋە تەسىرلىك ھېكايە ۋەقەلىكى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا گۈزەل كۆرۈش تۇيغۇسىنى بېغىشلىدى.
شەندۇڭلۇق ساياھەتچى جى يۈجيې مۇنداق دېدى: سەھنىدىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقا ناھايىتى دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىنىپتۇ، ئۇسسۇل بىلەن ۋەقەلىكنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى ماڭا خۇددى شۇ دەۋردە تۇرۇۋاتقان تۇيغۇ بەردى. بولۇپمۇ ئارتىسلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن نومۇرلىرى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى، مەن بۇ گۈزەللىكنى يۇرتۇم شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمگە ھەمبەھىرلەيمەن.
قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت- سەنئەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مى پېڭفېي مۇنداق دېدى: بۇ ئەسەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەشقەرنى چۈشىنىشىنى، قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى قەدىرىيە، ئىلغارجان)