7- ئايدا، قەشقەر شەھىرى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان قوغۇن پەسلىنى كۈتۈۋالدى، قەشقەر شەھىرىدە تېرىلغان لەينىڭ قوغۇنىنىڭ ھەر بىرىنىڭ بازار باھاسى 399 يۈەن بولۇپ، قوغۇنلارنىڭ سەرخىلىگە ئايلاندى.
قەشقەر شەھەرلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى قەشقەر چۈنيۈ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا پارنىكتىكى قاتار- قاتار قوغۇن پېلەكلىرى كۆزگە تاشلىنىپ، قويۇق قوغۇن پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ، مەي بولۇپ پىشقان لەينىڭ قوغۇنلىرى پېلەكلەردە ئېسىلىپ تۇراتتى، قوغۇنلارنىڭ سىزىقچىلىرى ئېنىق، شەكلى يۇمىلاق بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار يوپۇرماقلار ئارا ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ، قوغۇنلارنى تاللاش، ئۈزۈش، يەشىكلەرگە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
چۈنيۈ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى نۇرجان مەمەت مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدا ھازىر 26 پارنىك بار، بۇ قوغۇننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى قەنت تەركىبى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى. بۇ قوغۇنلار ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىلىدۇ، ھازىر شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز. بۇ يىل 20 مىڭدىن ئارتۇق قوغۇن يىغىۋالالايمىز.
چۈنيۈ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى نۇرجان مەمەت مۇنداق دېدى: چۈنيۈ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بۇ يىل ئەتراپتىكى 22 نەپەر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ قوغۇننىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى 50تىن 100گىچە پارنىكقا تېرىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمىز.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەرھابا، مەمەتساۋۇت)