ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز
20:21:10 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز 

 − پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى          

 «بۇ بىر قېتىملىق ئىجادىي، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنى ئۆگىنىپ ھەسسىلەپ روھلاندۇق، ئىنتايىن ئىلھاملاندۇق، قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز!» 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بىرىنچى ۋاقىتتا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز. 

 ئومۇمىي يىغىن يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى لى يەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، دۇنياغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. كەڭ كادىرلار باشتىن- ئاخىر ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، بۇ «مۇقەررەر يول»نى ياخشى مېڭىشى كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا خەلقچىل ھېسسىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، بۇ «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ»نى ياخشى ساقلىشى كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا دۇنياۋى نەزەردە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، بۇ «روشەن بەلگە»نى جۇلالاندۇرۇشى كېرەك. 

 ئومۇمىي يىغىندا، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بازار مۇھىتى يارىتىش شەرت دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قەشقەر تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر تاموژنىسى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سىجىل تۈردە تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان پورت تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. 

 ئومۇمىي يىغىندا، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن باراۋەر پايدىلىنىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىقتىسادىي جىنايەت تەپتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ سىفۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى بېجىرىپ، «تەپتىش كارخانىلارنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىمىزگە ئالىمىز. 

 «بىز دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى تاكامۇلاشتۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاپ، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. 

 ئومۇمىي يىغىندا، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىللىك، سىستېمىلاشقان پەن تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

 ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولىنىڭ رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. بۇلتۇر 12- ئايدىن بۇيان، «تىيانشان ناملىق» كوزىرلىق نۆۋەتچى پويىز ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم قاتناشتىن تەدرىجىي ھالدا  ھەر ھەپتىدە سەككىز قېتىمدىن ئارتۇق قاتناشقا كۆپەيتىلىپ، «كۈندە نۆۋەتچى پويىز» بولۇشتەك دائىملىق قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 250 قېتىم قاتنىدى، مال مىقدارى تەخمىنەن 208 مىڭ توننا بولدى. شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، باش دىرېكتور لى گاڭ مۇنداق دېدى: «بىز نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ ھەم يېڭى لىنىيە ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىمىز».

 ئومۇمىي يىغىندا، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

 نەچچە كۈن ئىلگىرى، قابا ناھىيەسىنىڭ سارتام يېزىسى ئارا ئۆي كەنتىدىكى ياشانغانلار مېھىر- شەپقەت ئاشخانىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، كەنت ئاھالىسى سادىرخان قايدار ئاشخانىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى تاللىدى. «كىرىم قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش... پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا تىلغا ئېلىندى، قەلبىمىز چەكسىز ئىللىقلىققا تولدى» دېدى ئۇ.

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 4- نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە» قاتارلىقلارنى سىجىل جازالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايرىم دېلولارنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ بىر دائىرىگە ئىبرەت بېرىش، بىر رايوننى تۈزەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. 

 (مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ نا، ما يىنىڭ، شيې خۇيبيەن، لۇ فېڭباۋ، جاڭ لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125