مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى
20:46:03 2024-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچتە بېيجىڭدا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار» يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما، بۇ، ھەم پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بەردى. 

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى تەشۋىقات- تونۇشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125