قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەش
00:01:38 2024-07-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ ۋېي، شى جىڭنەن، ۋاڭ پېڭ

مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

ئاساسنى پۇختىلاش، ئاساسىي رامكا تۇرغۇزۇشتىن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ ۋەزىيەت يارىتىشقىچە، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى مۇجەسسەملەندى.

قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش

2023- يىلى 10- ئايدا، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجە شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولدى.

ئۇلۇغ ئىدىيە ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجادىي نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر ئارقىلىق، يېڭى مۇساپىدە مەدەنىيەت ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاساسىدىن تۈزۈلۈپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇلۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقى مەھكەم ئىگىلەندى −

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىدېئولوگىيە خىزمىتى دۆلەت ئۈچۈن ئىرادە تىكلەيدىغان، مىللەت ئۈچۈن روھ تۇرغۇزىدىغان خىزمەت» دەپ تەكىتلەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى «تېخىمۇ ئۇللۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ» «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدىن ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت يىغىنىغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارغا قاتنىشىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش داۋامىدا نەزەرىيەۋى ھەق- ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدىغان ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمەت مېخانىزمى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى... ئورنىتىش بىلەن بىكار قىلىش تەڭ تۇتۇلۇپ، يامانلارغا لەنەت ئوقۇلۇپ ياخشىلار مەدھىيەلىنىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىنىپ، ئومۇمىي خەلق غايە- ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇلدى.

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورۇندا چىڭ تۇرۇش تۈزۈمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىدىكى بىر تۈرلۈك تۈپ تۈزۈم قىلىپ تىكلەندى. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا، دۆلىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە تەرەققىيات يولىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بولغان تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئۇزاق ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە شەكىللەندۈرگەن فاڭجېن، پىرىنسىپلىرى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى بىر مەنزىلگە قەدەم قويغانلىقى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

ئاساس كۈچەيتىلىپ ئۇل پۇختىلىنىپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلدى −

2018- يىلى ئەتىيازدا، يېڭىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى.

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى، ئاخبارات- نەشرىيات ۋە كىنو خىزمىتىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىرتۇتاش باشقۇرىدىغان بولدى، دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى كۈچلۈك كۈچەيتىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىلدى.

2019- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى. پارتىيە تارىخىدىكى تەشۋىقات خىزمىتى توغرىسىدىكى تۇنجى ئاساسىي غوللۇق، ئۇل خاراكتېرلىك نىزام بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مۇھىم ھۆججەتنىڭ چىقىرىلىشى تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

توغرا كەيپىيات ئارقىلىق كىشىلەر تەربىيەلىنىپ، بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى −

2018- يىلى 7- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركەزلىرى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئەمەلىيلىشىپ چېچەكلەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى ئاۋازىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى.

خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ.

«سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىقلار تۈزۈلۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قانۇن- نىزاملارغا كىرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىن پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقىچە؛ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قانۇنىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشقىچە... سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىندى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش

«سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەت ماھىيەتتىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىدۇر.» «ئەدەبىيات- سەنئەت بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا نىشاندىن ئادىشىپ قالماسلىقى، كىم ئۈچۈن دېگەن مەسىلىدە ئېغىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئەدەبىيات- سەنئەت ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ».

2014- يىلى 10- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنى قانداق گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىر قاتار زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» «مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاش، مۇكاپاتلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى پىكىر» «دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئورنى- ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىقلار چىقىرىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشقا يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

باش شۇجىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كەڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ ئېگىزلىككە چىقىپ، چوققىغا قاراپ ئۆرلىدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەندىزىسى يېڭىلاندى، مەنزىلى يېڭىلاندى، كەيپىياتى يېڭىلاندى − «چاڭجىن كۆلى» ناملىق كىنو، «باش رولچى» ناملىق رومان، «تاغ- دەريالارغا بولغان مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئېلېكتىر دولقۇنى» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر قاتارلىق خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت نادىر ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، دۆلىتىمىز كىتاب، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كارتون قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى، كىنو بازىرى كۆلەم جەھەتتە كەينى- كەينىدىن رېكورت ياراتتى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجى «بار بولۇش- بولماسلىق، كەم بولۇش- بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش- بولماسلىق، سەرخىل بولۇش- بولماسلىق»قا يۈكسەلدى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر- بىرىگە ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ماددىي جەھەتتە باياشات بولۇش، مەنىۋى جەھەتتە باي بولۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى».

دەۋر سوئال قەغىزىگە قالتىس جاۋاب بېرىلدى. جەمئىيەت ئۈنۈمىنى باش ئورۇنغا قويۇش، جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت تەمىناتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۈچەيتىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئورتاق بېيىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىر تەرەپتىن، ماكرولۇق تۈزۈم بەرپا قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، «زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى چىقىرىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق- مەنپەئىتى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنچىكە، تەپسىلىي، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت تەمىناتىنىڭ مەزمۇنى ۋە تەمىنلەش شەكلى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان ئالتە دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، قۇرۇلغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا 3300دىن ئاشتى، يېزا- بازار كىنوخانىلىرىدىكى ئېكران 12 مىڭدىن ئاشتى، 200 مىڭغا يېقىن دېھقانلار كۇتۇپخانىسى رەقەملىك كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بارلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى ۋە %90تىن ئارتۇق مۇزېي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. جېجياڭدىكى «يېزا مەدەنىيەت زالى»، جياڭشىدىكى «دېھقانلار كۇتۇپخانىسى+ ئېلېكتىرونلۇق سودا»، خۇنەندىكى «ئىشىك ئالدىدىكى ئون كىچىك» قۇرۇلۇشى... ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى پۇقرالارنىڭ «مەدەنىيەت يۇرت مۇھەببىتى»نى ئۇرغۇتتى.

2022- يىلى 10- ئايدا، «دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى. رەقەم تېخنىكىسى مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.

دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت بۇلۇت سۇپىسى، ئاقىل رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئاقىل كۇتۇپخانا، ئاقىل مۇزېي قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىن رەقەملىك مەدەنىيەت بىلەن كىنو- تېلېۋىزىيە، ساياھەت قاتارلىق جەمئىيەت كۆرۈنۈشىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا سىڭىشىشىگىچە؛ بۇلۇت كۆرگەزمىسى، بۇلۇت ساياھىتى قاتارلىق توردىكى مەدەنىيەت ئىستېمالىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشتىن تور ئەدەبىياتى، سىن، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغىچە، رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشتىكى «يېڭى موتور»غا ئايلاندى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى مەدەنىيەت ھەم ئالاقىدار كەسىپ كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 12 تىرىليون 951 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022- يىلىدىكىدىن %8.2 ئاشقان. مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تىرەكلىك رولى كۈچەيگەن، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت كەسپى تېز ئەسلىگە كەلگەن، مەدەنىيەت يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولغان.

توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش

جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيى بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ شىمالغا سوزۇلغان قىسمىغا، يەنشەن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇرۇق گېنى «مەشھۇر تاغ ئېتىكىدە ساقلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلمەكتە».

2023- يىلى 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئورنىغا مەخسۇس كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقاردى.

مەنبەسى چوڭقۇر دەريا يىراققا ئاقىدۇ، يىلتىزى چوڭقۇر دەرەخ بۈك- باراقسان ئۆسىدۇ. قانداق قىلغاندا ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ، قەدىمىي ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى بېيىتىش − مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇساپىسى داۋامىدا «جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال».

ئارخېئولوگىيە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى باش تېما قىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەمدە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى دەۋر نۇرىنى چاقنىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

تۈزۈلمە- مېخانىزم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى −

«جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە تۇنجى قېتىم مەركەز ھۆججىتى شەكلىدە جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى؛ «قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممىتىنى قېزىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت يېڭى دەۋر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى فاڭجېنى بېكىتىلدى؛ «شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» «ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ <14- بەش يىل>لىق مەخسۇس يىرىك پىلانى» قاتارلىقلار چىقىرىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بەرپا قىلىندى.

مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئادەم تەربىيەلەندى −

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتىن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقىچە؛ مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 4- قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتىن، سەددىچىن سېپىلى، چوڭ قانال، ئۇزۇن سەپەر، خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىشقىچە؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى، جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى، جۇڭگو ھۈنەر- سەنئەت سارىيى، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە مۇزېيى قۇرۇشتىن، مۇھىم مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بولغان «گۈللىنىش ئەسەرلەر خەزىنىسى»، «جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى»نى نەشر قىلىشقىچە... مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە نامايان قىلىنىپ، گۈللىنىش كەيپىياتى ئۇرغۇتۇلدى.

قەدىمىي مەدەنىيلىك جەھەتتە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلدى −

2017- يىلى ئالتۇن كۈزدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» ماقۇللاندى. «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» پارتىيەنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى.

دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتى «تەجرىبە ئېتىزى» بەرپا قىلىشتىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداپ ۋە جانلىق ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگۈزۈشكىچە، يەنە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشقىچە... 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دەۋر تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشماقتا.

يېڭى مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان تۇپراققا تارقالغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلارغا پۈتۈلگەن يېزىقلارنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى بېيىتتى.

مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ.

«بىز باراۋەر بولغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆھبەتلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولغان مەدەنىيلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىشىمىز، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىشىمىز، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىدىن ھالقىشىمىز كېرەك.» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئېلىپ، ھەممىنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىق بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىكىدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئېچىۋېتىش قىياپىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىش؛ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا ماس كېلىدىغان خەلقئارا سۆز ھوقۇقىنى شەكىللەندۈرۈش؛ يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنى، لياڭجۇ مۇنبىرى، دۇنيا جۇڭگوشۇناسلىق يىغىنى . شاڭخەي مۇنبىرى، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى قاتارلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش... مەۋقەنى 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات جانلىق ئەمەلىيىتىگە تايىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئوبرازى تېخىمۇ ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.

تاغ- دەريالىرى گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تېخىمۇ قەتئىي مەدەنىيەت ئىشەنچى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125