​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
00:07:51 2024-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار گو لىڭ، جاڭ يەنفاڭ) 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» پارتىيە تارىخىدىكى يەنە بىر پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ- مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىشنى قايتا جاكارلاش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. «چۈشىنىپ ئۆگىنىش» كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم «قارار»نى تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ «چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش» كېرەك، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپلىرى، مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى ئىگىلەش كېرەك؛ «چۈشىنىپ سۆزلەش» كېرەك، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالار ئىشخانىسى قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك؛ «چۈشىنىپ ئىشلەش» كېرەك، كۈچلۈك بۇرچ- مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن «مەدەت بېرىش ۋە كۈچ قوشۇش»، «قارار»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن «كېڭىشىش ۋە پىلانلاش»، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن «ياردەم بېرىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش» كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە نامايان قىلىپ، ئىسلاھات چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا نامايان قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە نامايان قىلىپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تاماملاشتا نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125