ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
23:22:11 2024-07-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى يەتكۈزۈلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار تەلىپى يەتكۈزۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى كەم- كوتسىز چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى توغرا تېپىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «مەملىكەت بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2024- يىلىدىن 2028- يىلىغىچە)»نى تۈزۈپ يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتى ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرگە بىرتۇتاش تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياخشى سەپلەش ۋە كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش كېرەك. توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى، كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزلىمىگە يېتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ياخشى ئاساس سېلىندى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەت، ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەسىلە، يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق بۆلەك رايونلاردا نېفىت- تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى؛ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» يولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى؛ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى يىل ئاخىرىغىچە پۈتكۈزۈپ تورلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى؛ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىشنى كۈچەيتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇشى؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نىشانىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك قېزىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ھۆكۈمەت قەرزى، پۇل مۇئامىلە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تېخىمۇ تولۇق غەيرەت، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125