پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى
23:51:03 2024-07-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوڭ پارتىيە، ئۇ چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ھەر قېتىم زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەمىز ھامان توغرا سىياسىي ئىستراتېگىيە، تەدبىر تۈزۈپ چىقىپ، بىزنى سانسىزلىغان خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

 قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. بۇ، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى قۇچۇشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بەردى.

 ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشكە تاياندى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى، بۇنىڭدا يەنە ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشكە تاياندۇق. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، يەنىلا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشكە تايىنىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشىگە، ئىستىقبالى- تەقدىرىگە، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، دادىللىق بىلەن چوڭقۇر سۇ رايونىغا يۈرۈش قىلىپ، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، دادىللىق بىلەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار ئىجادىي نەزەرىيەلەر، قوللانغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر، قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار مۇھىم بۆسۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بولدى. پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق سىياسىي جاسارەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، دادىل ۋە كەسكىن ئىشلەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابى قىلالىغان ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، بۇنداق زور كۆلەملىك، بۇنداق زور سالماقلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالىغان ئەمەس. يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

 ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشىنىڭ يۆنىلىشى، مەيدانى، پىرىنسىپى بار. ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش ئورۇنغا قويغىنى «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» بولدى. شۇنى جەزمەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرگەندىلا، ئىسلاھاتنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا، نىشاندىن ئادىشىپ قالماي، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايمىز، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز. يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتەك كۈچلۈك ئىرادە بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ھەم دادىل يېڭىلىق يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش غەيرەت- شىجائىتى بىلەن ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭماي، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان خاتا يولدا ماڭماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتالايمىز.

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپىسى. ئىسلاھاتتا يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش شىجائىتىمىز تولۇپ تاشتى، جەڭ دۇمبىقىنى چېلىپ يەنە سەپەرگە ئاتلاندۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتساقلا، بىز چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125