شىنجاڭدىكى ھەر ساھە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى
00:22:04 2024-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز

− شىنجاڭدىكى ھەر ساھە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 تارىخنىڭ غايەت زور قەلىمى يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق جايدا ئىز قالدۇردى.

 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئۇقۇم، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئاچىمىز.

 يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

 «ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنى بىرىكتۈرۈپ، مالىيەدىن ئىبارەت بۇ تورتنى زورايتىمىز، ئەلالاشتۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ خەييەن مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلامچى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، مالىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مالىيە- باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مالىيە كۈچىنى قوشىمىز.

 «ئومۇمىي يىغىندا، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بازار مۇھىتى يارىتىش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىزنىڭ تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشىمىزغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دولقۇن ئاۋۇت مۇنداق دېدى: داۋاملىق تۈردە ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا قىلىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ يۈكنى يېنىكلىتىش، جانلاندۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز.

 ئومۇمىي يىغىندا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش ۋە يېتەكلەش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بۇ، بىز پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئىشلەش جاسارىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.» شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، لىدىر خەن شىفا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىمىزنىڭ تىجارەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىمىز.

 ئېچىۋېتىش بىلەن ئىسلاھات ئەزەلدىن بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ بارلىققا كەلگەن، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ، زور ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىيات، زور گۈللىنىشتىن ئىبارەت چوڭ ياخشى تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا.

 ئومۇمىي يىغىندا «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش» «تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش» قاتارلىق جەھەتلەرگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 «ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز.» ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى خاۋ ۋېيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، قونجىراپ پورتىنى يىل بويى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

 «ئومۇمىي يىغىن پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى سودا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى داۋامىدا شىنجاڭنىڭ سودا كۈچىنى پائال قوشىمىز.

 يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم تەرەققىيات تېمىسى، ھەم ئىسلاھات تېمىسى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

 «بىز دىققەتنى تېرىقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك زور پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كۈچ قوشىمىز، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى يۈ چىڭخۇي.

 ھەم سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلىغىلى بولىدۇ، ھەم سۇ قويۇپ بېرىپ توك چىقارغىلى بولىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن يەنە ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق... ھازىر، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

 «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىندى. ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتۈپ ھەم تورلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 368 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ، ھەر يىلى ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر سەرپىياتىنى 239 مىڭ توننا ئازايتقانغا، 596 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، يېشىل ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ موتورى دېيىشكە بولىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى 14- ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ خۇيشىڭ.

 شامال بىلەن كۆتۈرۈلگەن ئۇلۇغ دولقۇن، يەلكەن چىقىرىپ دولقۇن يېرىپ يەنە ئاتلىنىش. كۆپچىلىك قەتئىي ئىشىنىدۇكى، پەقەت قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىدە جەزمەن داۋاملىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ.

 (مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي، سو رۇڭجى، خېي خۇڭۋېي، رەن خۇ، تويا، ليۇ يى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125