ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
00:38:54 2024-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى بىر قېتىملىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنى بولۇپ، مۇھىم، چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە؛ بىر قېتىملىق تارىخىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىش يىغىنى بولۇپ، مۇھىم، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە؛ بىر قېتىملىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى بولۇپ، مۇھىم، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى سىجىل پۈتۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما. «قارار»نىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل ۋە تۆھپە قوشۇشتا جەزمەن مەن بولۇشۇم كېرەك دەيدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆگىنىشكە پۇختا، چوڭقۇر تەشكىللەپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل، چوڭقۇر تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»نى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتى ۋە يېزا ئىگىلىكى- يېزا ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، ئۆي- زېمىن، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125