كېۋەز تېرىش دارېنلىرى «تۈرلۈك ماھارەتلەر»نى يېتىلدۈردى
01:01:00 2024-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

 «ھازىر دەل كېۋەزلەر چېچەكلەپ غوزا تۇتىدىغان مەزگىل، بىز پۇرسەتنى ياخشى تۇتۇپ، كېۋەزنى سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ ۋە ئۇنىڭغا دورا چېچىپ، كېۋەز غوزىسىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك» دېدى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، شايار ناھىيەسىدىكى دېمىن تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دېمىن ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى» دېيىلدى)نىڭ كېۋەزلىكىدە، ئېتىز پەرۋىشى بۆلەك رايونىنىڭ باشلىقى ئېزىز ئەخمەت خىزمەتداشلىرىغا.

 شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرىدا دېمىن ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى ئوبوروت قىلغان 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلدى. ئوخشىمىغان كەنتلەردىكى كېۋەزلىكنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى بىرقانچە ئېتىز پەرۋىشى بۆلەك رايونىغا ئايرىدى، ئېزىز مەسئۇل بولغان بۆلەك رايون ئۆزى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان قىزىلبايراق بازىرى دولقۇن كەنتىدە بولۇپ، ئۇ ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ شۇ كەنتتىكى بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ 5000 مو كېۋەزلىكنى پەرۋىش قىلاتتى.

 «بۇ بىرنەچچە يىلدا، بىزنىڭ كېۋەز تېرىش پەن- تېخنىكا سەۋىيەمىز بارغانسېرى ئۆستى، شۇڭا مەن توختىماي ئۆگىنىپ، <تۈرلۈك ماھارەتلەر>نىڭ ھەممىسىنى بىلىشىم كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كېۋەزدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىغا پايدا تەقسىم قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ» دېدى ئېزىز.

 ئېزىزنىڭ ئىنىسى ئەلى ئەخمەت مۇنداق دېدى: ئاكام ئەسلىدە تىراكتورچى بولۇپ، 2019- يىلى دېمىن ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئائىلىمىزنىڭ يېرىنى ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىدا ئات كۈچى تېخىمۇ چوڭ تىراكتور ھەيدىدى. ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىدا يەنە ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ماشىنىسى، قالدۇق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى، ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا- سايمانلىرى بار بولۇپ، ئاكام ھەممىسىنى ئۆگەندى. ئاكامنىڭ تەسىرىدە، مەنمۇ ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، تىرىشىپ توكچى بولدۇم.

 ئاكا- ئۇكىلارنىڭ نەزەرىدە، بۇ بىرنەچچە يىلدا كېۋەز تېرىش ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى ئېلىپ ئېيتساق، ئالدىنقى يىللاردا ئۇلار كېۋەزنى باستۇرۇپ سۇغارغاچقا، بىر مو يەرگە 800 كۇب مېتىر ئەتراپىدا سۇ كېتەتتى. ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى قوللانغاندىن كېيىن، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى يىلدىن- يىلغا ئازايدى، ئەمما ھوسۇلى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

 2023- يىلى، ئېزىز كېۋەز تېرىشتىكى «قۇرۇق تېرىش، ئاز- ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، ئۇ مەسئۇل بولغان بۆلەك رايوندا مو بېشى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئازىيىپ 430 كۇب مېتىر بولدى. بۇ يىل دېمىن ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى ئاز مىقدارلىق تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى، پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە مو بېشى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ 390 كۇب مېتىر بولۇشى مۆلچەرلەندى.

 «ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىنىۋاتىدۇ، بۇ يىل بىز دورا چېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ دەرىجىسىنى T50تىن T60قا ئۆستۈردۇق، بۇلتۇرقى بىر كۈندە 1000 مو يەرگە دورا پۈركۈشتىن ھازىرقى بىر كۈندە 1200 مو يەرگە دورا پۈركۈشكە كۆپەيتتۇق، ئۆگەنمىسەك بولامدۇ؟» ئېزىز مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، مەن ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىدا ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مۇشۇ جايدىكى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھەمدە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق كېۋەز تېرىش رايونلىرىغا بېرىپ ئۆگىنىپ، ئىسمى- جىسمىغا لايىق كېۋەز تېرىش دارېنى بولدۇم.

 ئېزىز ئۆزى تەشەببۇسكار ھالدا ئۆگىنىش بىلەن بىللە، يەنە كەنتتىكى ياشلارنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتىكى 30 نەچچە ياش ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، بىر تەرەپتىن يەر ئوبوروت پۇلى ۋە پايدا تەقسىماتى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن كوپىراتىپتا ئىشلەپ مائاش ئالدى.

 كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ئېزىز مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىدىن ئالىدىغان ئايلىق مائاشىم 6000 يۈەن، پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن يەنە پايدا تەقسىماتى بار. بۇ يىل تېرىغاندىن بۇيان، ھاۋارايى كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولدى، مۆلچەرىمچە ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرام بولىدۇ، ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى ئەزالىرىغا تەقسىم قىلىنىدىغان پايدا چوقۇم بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125