يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدە يېڭىلىقلار كۆپ
01:06:24 2024-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

 «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق، توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان، ھاۋا سۈمۈرۈش شەكلىدىكى تۈجۈپىلىك قوناق تېرىش ماشىنىسىنى تۇنجى كۆرۈشۈم، مەشغۇلات ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن.» يېقىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمەھەللە بازىرى باغۋەن كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى تىپتىكى تېرىش ماشىنىلىرى تېخنىكىسى بويىچە ئېتىزدا تەربىيەلەش نەق مەيدانىدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق، توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان، تۈجۈپىلىك تېرىش ماشىنىسىنىڭ تېز سۈرئەتلىك مەشغۇلاتىنى كۆردى.

 ئۈلگە كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش باش پونكىتىدىكى تېخنىكلارنىڭ ئۇرۇق سېلىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ماشىنىنىڭ تېرىش مەشغۇلاتىدا ئۇرۇق سېلىش چوڭقۇرلۇقى بىردەك، ئۇرۇق سېلىش ئارىلىقى تەكشى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تېرىش سۈپىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىكەن.

 توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمەھەللە بازىرى باغۋەن كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ئائىلىسى جىن دېچياڭ ھەر بەش يىل ئەتراپىدا بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك ماشىنا- سايمانلىرىنى يېڭىلايدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئۇ جەمئىي 300 مىڭ يۈەنگە يېقىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدى. نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىۋاتقان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېھقانچىلىق ماشىنا- جابدۇقىنى كۆرۈپ، جىن دېچياڭ سېتىۋېلىش- سېتىۋالماسلىق ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى تۆۋەن چەك كاپالىتى بولغاچقا، ھەرقانداق ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى بىزنىڭ بۇ يەردە ئىشلەتكىلى، ياخشى ئىشلەتكىلى بولسىلا، مەن سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلىمەن».

 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تىرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى.

 يېقىندا يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى «2024- يىلىدىن 2026- يىلىغىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى.

 «پىكىر» ئاساسلىقى ئومۇمىي تەلەپ، يولغا قويۇش مۇھىم نۇقتىسى، ياردەم تولۇقلىمىسى ئوبيېكتى ۋە ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى، مەبلەغ تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق بەش بۆلەك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە نۇرغۇن يېڭىلىق بار.

 قوللاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېرىش ماشىنىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرئەتتە مايسا تىكىش ماشىنىسى، چوڭ تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە ھوسۇل يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق ئاشلىق، ياغلىق دان قاتارلىق كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدىغان ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان، ئېدىرلىق، تاغلىق رايون يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، يېزا ئىگىلىكىدىكى باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

 ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالاھىيىتى جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، مۇۋاپىق كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باھالاش «يېشىل يول»ى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ئېتىراپى ۋە 3- تەرەپ ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش نەتىجىسىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك قوبۇل قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

 ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پەرقلىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، بىر قىسىم نۇقتىلىق ماشىنا- سايمانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى سوممىسى ئۆستۈرۈلۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان ئىجادىي ماشىنا- سايمانلارغا ئالاھىدە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ماشىنىلارغا يۇقىرى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ رايون ئىچىدىكى بار بولغان مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆپ، تېخنىكىسى نىسبەتەن قالاق ماشىنا- سايمانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ، چېكىندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەتتا ياردەم تولۇقلىمىسى دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

 يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مىقدارىغا باغلانغان ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈش مەشغۇلات ئۇسۇلى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.

 خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كۆپ تارماق ھەمتۈرتكە بولۇش كۈچەيتىلىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ماشىنا- سايمانلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش پۈتۈن جەريان بويىچە كۈچەيتىلىدۇ.

 ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈش جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەبلەغ نەقلەشتۈرۈش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، راسچوت قىلىش تۈركۈم قېتىمى كۆپەيتىلىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى رەسمىيىتىنى پۈتۈن جەريان بويىچە توردا بېجىرىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشنىڭ يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

 «پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىدىكى بىرلىشىپ يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاشكارا، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ماشىنىلارغا يۇقىرى تولۇقلىما بېرىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىپ باھالاش ھەم تەكشۈرۈش- ئۆلچەشنى باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تولۇقلىما بېرىلىدىغان ماشىنا- سايمانلارنىڭ سالاھىيەت ئۆتكىلىنى قاتتىق تۇتۇش، چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىلىرى باھالاشنى ئىلتىماس قىلغاندىكى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىنىشكا ئېلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش، كىنىشكا ئالغاندىن كېيىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ دۆلىتىمىز سانائەت سىستېمىسىنىڭ تەكشۈرۈش- ئۆلچەش سىستېمىسى نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سىناق قىلىپ باھالاش ھەم تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ تارماق بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۆلكىلەر ئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ياخشى تەرتىپنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك.

 ئەسكەرتمە

 «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى جەھەتتە ئۆستۈرۈشمۇ، تۆۋەنلىتىشمۇ بولۇشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 بىرىنچى، قىسمەن نۇقتىلىق ماشىنا- سايمانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى سوممىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ھېسابلاش نىسبىتى %30تىن %35كە كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باھالاش (ئېتىراپ) ئاپپاراتلىرىنىڭ باھالىشى ياكى ئېتىراپى (سالاھىيىتى بار تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوكلاتىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ) ھەمدە يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى(ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ياكى توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان ماشىنا- سايمانلار قاتارلىق نۇقتىلىق ماشىنا- سايمانلار)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئىككىنچى، ئۆلكە دەرىجىلىك چىقىم مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلالايدىغان ھەمدە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى نەقلەشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، ماشىنا سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش ۋە نەقلەشتۈرۈش ئاستا بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمىغان ئۆلكىلەرگە قارىتا، مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، رايون ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان، ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان كۆچمە قۇرۇتۇش ماشىنىسى، زەنجىر تاپانلىق تىراكتور، زەنجىر تاپانلىق ھوسۇل يىغىش ماشىنىسىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى سوممىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ، ھېسابلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %40تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

 ئۈچىنچى، رايون ئىچىدىكى بار بولغان مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆپ بولغان، تېخنىكىسى نىسبەتەن قالاق ماشىنا- سايمانلارغا قارىتا، ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ، چېكىندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ھەتتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125