10 مىڭ ساندۇقتىن ئارتۇق ھەسەل ھەرىسى بېقىلدى، «ھەسەل ھەرىسى باققۇچى يىگىت»نىڭ چاڭلاشتۇرۇش خەرىتىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى قاپلىدى
01:11:39 2024-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جۈنجيەن

 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى خۇشى ھەسەل ھەرىسى بېقىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر تۈركۈم ئالاھىدە «مېھمان»لارنى − شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شيەنياڭ شەھىرىدىن ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن 410 نەچچە ساندۇق ھەسەل ھەرىسىنى كۈتۈۋالدى. «بۇ بىر تۈركۈم ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ يىللىق چاڭلاشتۇرۇش زاكازىنى تاماملاش كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ» دېدى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خۇ جيەنخۇا خۇشال ھالدا.

 يېقىندا، ھاۋا بىرقەدەر ئىسسىق بولغاچقا، قۇتۇبى ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلار تېرىغان كاۋىلار ئارقا- ئارقىدىن چېچەكلەپ، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ۋاقتىدا چاڭلاشتۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق بولدى. چاڭلاشتۇرغۇچى ھەسەل ھەرىسى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شيەنياڭ شەھىرىدىن 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھەسەل ھەرىسىنى جىددىي سېتىۋېلىپ، شۇ جايدىكى زىرائەتلەرنى چاڭلاشتۇرۇشتىكى جىددىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى.

 بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن خۇ جيەنخۇانىڭ كىچىك ۋاقتىدا يۇرتىدا بوۋىسىنىڭ بىرنەچچە ساندۇق ھەسەل ھەرىسى باققانلىقى ئىزچىل ئېسىدە بار ئىدى. 1996- يىلى 14 ياشلىق خۇ جيەنخۇا ئاتا- ئانىسىغا ئەگىشىپ سىچۇەندىن قۇتۇبى ناھىيەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. 2016- يىلى، خۇ جيەنخۇا بىناكارلىق شىركىتىدىكى خىزمىتىدىن كەسكىنلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، ھەسەل ھەرىسى بېقىش ساھەسىگە ئاتلاندى. «شىنجاڭنىڭ كىلىماتى ئۆزگىچە، ئۆسۈملۈك ھەسەل مەنبەسى ياخشى، ھەسەل ھەرىسى بېقىش ئىستىقبالى پارلاق» دېدى خۇ جيەنخۇا.

 ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ قۇتۇبى ناھىيەسى خۇشى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشلامچىلىق قىلىپ قۇردى، كوپىراتىپ ئەزالىرى دەسلەپكى بەش ئائىلىلىكتىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 15 ئائىلىلىك بولدى، خۇ جيەنخۇانىمۇ شۇ جايدىكى كىشىلەر «ھەسەل ھەرىسى باققۇچى يىگىت» دەپ ئاتىدى.

 ھەسەل ھەرىسى بېقىشتا مۇۋاپىق ھەسەل ھەرىسى تۈرى بولۇشى كېرەك. شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كىلىمات، مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خۇ جيەنخۇا ئىتالىيە ھەسەل ھەرىسى بىلەن شىنجاڭ قارا ھەسەل ھەرىسىنى چېتىشتۇرۇشنى تاللىدى. ئىتالىيە ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، شىنجاڭ قارا ھەسەل ھەرىسى قاتتىق سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، ئىككى خىل نەسىلنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا بېقىشقا ماس كېلىدىغان ھەسەل ھەرىسى تۈرى يېتىشتۈرۈپ چىقىلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرنى ئىلمىي تېرىش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرى چاڭلاشتۇرۇشنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. خۇ جيەنخۇا بۇ بازار ئېھتىياجىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلىدى، ئۇ ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 بۇ بىرنەچچە يىلدا، خۇ جيەنخۇانىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى زاكازلىق چاڭلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى، بولۇپمۇ بۇ يىل زاكاز مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ يىل باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 6800 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى بالدۇرلا زاكاز قىلىنىپ بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە 2 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن ھەسەل ھەرىسى كىرگۈزدى، ھازىر ھەسەل ھەرىسى بېقىش كۆلىمى كېڭىيىپ 12 مىڭ ساندۇق بولدى.

 ھەسەل ھەرىسى بېقىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇش خەرىتىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى. ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4- ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەسەل ھەرىسىنى يەكەن ناھىيەسىگە يۆتكەپ بادامنى چاڭلاشتۇرىدۇ؛ 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، كورلا نەشپۈتىنى چاڭلاشتۇرىدۇ؛ 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5- ئاينىڭ باشلىرىغىچە، قۇتۇبى ناھىيەسىدە شۇ جايدىكى شياڭفېي تاشئالمىسىنى چاڭلاشتۇرىدۇ؛ 5- ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرىلىرىدىن 7- ئاينىڭ باشلىرىغىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە ئۇرۇقلۇققا ئىشلىتىلىدىغان كاۋا، گازىر تاۋۇزى، تاۋۇزنى چاڭلاشتۇرىدۇ؛ 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاپتاپپەرەسلەرنى چاڭلاشتۇرىدۇ.

 خۇ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرغاندا، زىرائەت ھوسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، زىرائەتلەرنىڭ سۈپىتىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. قۇتۇبى ناھىيەسىنى مىسالغا ئالساق، تەبىئىي چاڭلاشتۇرۇش ھالىتىدە، ئۇرۇقلۇققا ئىشلىتىلىدىغان كاۋىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 150 كىلوگىرام بولىدۇ، ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ. بۇلتۇرقى كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 15 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، مو بېشى كىرىمنى 750 يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرغاندا، بىر ساندۇق ھەسەل ھەرىسى يەتتە مو يەرنى قاپلىيالايدۇ، مو بېشى تەننەرخى ئاران 50 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرلۈك كىرىملىرى ئىچىدە ھەسەل ھەرىسىنىڭ چاڭلاشتۇرۇش كىرىمى %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125