قانۇنچىللىق يولىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز
20:27:41 2024-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 قانۇنچىللىق − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قانۇنچىللىق كۈچى قوشىمىز.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. «بىز قانۇن چىقىرىشنىڭ ئىسلاھاتتىكى يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈرتكە بولۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز». ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق بىلدۈردى: نىزام چىقىرىش جەريانىدا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، خەلق ئاممىسى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نىزام چىقىرىشقا قاتنىشىش كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، نىزام چىقىرىشتا ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى نامايان قىلىمىز، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشىمىز، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىمىز.

 ئومۇمىي يىغىندا كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا قارىتا ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رۇڭ جۈن مۇنداق دېدى: بىز سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمىز.

 ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىق خۇددى قۇشنىڭ ئىككى قانىتى، ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشاش بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر- بىرىگە ھەمراھ بولىدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا قانۇنچىللىق كاپالىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىمۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قانۇنچىلىق باش ئەترىتىنىڭ باش ئەترەت باشلىقى ۋۇ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «كەسىپ + مېخانىزم + چوڭ سانلىق مەلۇمات» يېڭىچە ساقچى ئىشلىرى يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلاشقان قانۇنچىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىل گۇڭئەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىدۇ.

 «ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى ماس ئالغا سىلجىتىش شەرت». كۈنەس ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى تۇرسۇنجان نۇر ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنى قايتا- قايتا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق قارىدى: ئاخباراتتا «قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» قاتارلىق قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەپتىش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىمىز، خەلقنىڭ غېمىنى تۈگىتىمىز.

 پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 2- سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ جيەنۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھەق تەلەپ سودا ئىشلىرىنى سوت قىلىش ئارقىلىق مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىمىز.

 شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ شۇشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، پائال تۈردە قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى قانۇن- نىزام تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

 «ھازىرقى باسقۇچتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىپلا قالماي، يەنە قانۇنچىللىق ساھەسىدىمۇ گەۋدىلىنىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن لېي مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «قانۇنچىللىقتا خەلقنى كۆزلەش»نى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، «قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش» پائالىيىتىنى پۇختا، چوڭقۇر ئىشلەپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھارارىتى ۋە سالمىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يىڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى بىلەن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە ئاخىرغىچە، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، جانلىق بولغان قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشقا تۈرتكە بولىمىز.

 «بىز كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانا ئەتراپىنىڭ ئامانلىق مۇھىتىنى تۈزەپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز». كورلا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى دىليار غالىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، كارخانىلار بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتىكى غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز.

 بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئۈرۈمچى سەييا تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۆ فېڭ ئومۇمىي يىغىن خەۋىرى ۋە روھىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى، «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ بىزدەك پۇقراۋى كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ۋە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ئۇ.

 «بىز ئاساسىي قاتلام سىياسىي- قانۇن كادىرلىرى دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىزنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى بەي مىڭجيې.

 (مۇخبىر جاڭ لېي، قاتناشقان مۇخبىرلار سۈي يۈنيەن، جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، گو لىڭ)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿布列利木·艾则孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125