شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى توك سېتىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى ​
08:46:22 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى توك سېتىش مىقدارى 104 مىليارد 202 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.16 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ 27 ئۆلكىدىكى شىركىتى ئىچىدە باش ئورۇندا تۇرغان. بۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېرىم يىللىق توك سېتىش مىقدارىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

توك سېتىش مىقدارى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئۆلچەيدىغان «بارومېتىر». شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى توك سېتىش مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. پۈتۈن جەمئىيەتكە سېتىلغان توك مىقدارىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا 2- كەسىپكە سېتىلغان توك مىقدارى 68 مىليارد 252 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 مىليارد 73 مىليون كىلوۋات سائەت ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %25.98 بولۇپ، ئومۇمىي سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ %65.5ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «پاراۋۇز» بولغان.

كونكرېت ساھەلەردە سېتىلغان توك مىقدارى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى سانائەت، قونالغۇ ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپى، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى، قاتناش- تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپتە ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %20تىن ئېشىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا %26.58، %22.84، %21.08 ۋە %20.05كە يېتىپ، تەرەققىيات يۈزلىنىشى سىجىل ياخشىلانغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، كىرېمنىي ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولدى، شىنجاڭدىكى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان توك كۆلىمىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ شىددەت بىلەن ئاشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش رايونىدىكى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان 22 كارخانا جەمئىي 16 مىليارد 512 مىليون كىلوۋات سائەت توك سېتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 مىليارد 656 مىليون كىلوۋات سائەت كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %110.18 ئاشقان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت خېرىدارى سانى 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 103 مىڭ 400ى كۆپىيىپ، ئومۇمىي مىقدارى 12 مىليون 900 مىڭدىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاھالە ۋە سودا- سانائەتچى خېرىدارلارنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 65 مىڭ 500ى ۋە 30 مىڭ 200ى كۆپەيگەن.

تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دىققەتنى شىنجاڭنىڭ كەسىپ توپى، رايون تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قالتىس بولغان توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى جەمئىي 41 مىڭ 100 ئاھالە ھەم كىچىك، مىكرو كارخانا خېرىدارىنى «ئۈچ نۆل» (نۆل ئىشىك ئالدىغا بېرىش، نۆل تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نۆل مەبلەغ سېلىش) مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، 3900 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىنى «ئۈچنى تېجەش» (ۋاقىتنى تېجەش، كۈچنى تېجەش، پۇلنى تېجەش) مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارغا ياردەملىشىپ 280 مىليون يۈەندىن ئارتۇق توك ئىشلىتىشنى بېجىرىش تەننەرخىنى تېجەپ بەردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125