ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى
09:14:07 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) 7- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 101 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، قاتناش باشلانغاندىن بۇيانقى تارىخىي رېكورت يارىتىلدى.

«بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە ئاساسلىقى ئالتاي، ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئاۋات مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىمىز، ئەگەر ۋاقىت يار بەرسە بىز يەنە ئايروپىلان بىلەن بىر نەچچە شەھەرگە بېرىپ، جەلپكار شىنجاڭدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقچى.» 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئەمدىلا ئايروپىلاندىن چۈشكەن بېيجىڭلىق يولۇچى ليۇ لۈننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئالتە كىشىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشى ئىكەن.

بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرى قالتىس نامايان بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلدى. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 685 مىڭ ئادەم قېتىم، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 94 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 13 مىڭ توننا، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش- قونۇش قېتىم سانى 10 مىڭ ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش- قونۇش قېتىم سانى 2023- يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %6، %59، %1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلاننىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش- قونۇش قېتىم سانى 120 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، كۈندىلىك توشۇغان يولۇچى 29 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %31ىنى ئىگىلىدى.

«ئاۋات پەسىلدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئايروپورت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى زىچلاشتۇردى.» ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى كەسىپ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋاڭ تىڭتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 قېتىمدىن ئاشتى؛ بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، شىئەن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 قېتىمدىن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە يولۇچى- ئورۇن نىسبىتى %84 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇ، جېڭجوۋ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا ئوتتۇرىچە يولۇچى- ئورۇن نىسبىتى %90تىن ئاشتى. خەلقئارا جەھەتتە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدىن ياجۇاڭ، خۇجەند، پاتتايا، موسكۋا، سەمەرقەنت قاتارلىق بەش خەلقئارا يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ ھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇردۇق، 7- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە تاماملىغان خەلقئارا يولۇچى توشۇش مىقدارى جەمئىي 263 مىڭ ئادەم قېتىم، ئاپروپىلاننىڭ ئۇچۇش- قونۇش قېتىم سانى 3693 قېتىم بولدى.

يولۇچىلارغا ئىللىق، ئازادە، قولايلىق سەپەرگە چىقىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى بىر قاتار مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يۈك- تاق قول ھارۋىسىدىن 300نى يېڭىدىن سېتىۋالدى، يولۇچىلار يېقىن ئەتراپتىنلا ئالالايدىغان بولدى؛ كۆچمە پىدائىيلار مۇلازىمەت پوكىيى ھەر كۈنى پۈتۈن ۋاقىت بۆلىكىدە يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ پىدائىيلار يولۇچىلارنى يول باشلاش، ساياھەت مەسلىھەتى بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئايروپورت T3 ،T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ يېتىپ كېلىش زالىدىكى بىر قىسىم ئېلان چىراغلىرىنى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش- قونۇش ۋاقتى، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدىغان ئېكرانغا ئۆزگەرتتى، يولۇچىلار ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىغا ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125