ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىش
09:20:18 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭنىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىغا نەزەر

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

7- ئاينىڭ 14- كۈنى، قورغاس ناھىيەسىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 36 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. ناھىيە بازىرىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر پارچە بۇغدايلىقتا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك قوغداش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ خەيفېڭ ئېڭىشكىنىچە بۇغدايلاردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىۋاتاتتى. گاۋ خەيفېڭنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ قىزىرىپ كەتكەن يۈزى بۇغدايلىقنىڭ رەڭگى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغانىدى.

خىزمەتداشلىرى: گاۋ خەيفېڭ پەن تەتقىقات خىزمىتىگە بارغانسېرى «مەپتۇن بولۇپ» قېلىۋاتىدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ خىل «مەپتۇن بولۇش» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى بىر قاتار كەسكىن ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى.

ئىسلاھات داۋامىدا گاۋ خەيفېڭ 8- دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنىدىن 4- دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىندى. ئىسلاھاتتىن ئىلگىرى، بۇ «تۆت دەرىجىلىك سەكرەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاز دېگەندىمۇ ئون يىل ۋاقىت كېتەتتى. ئىسلاھات پايدىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، گاۋ خەيفېڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى، يېقىندا ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ شىنجاڭدا بۇغداي غولى تۈۋىدىن چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچ كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيەنى تۇنجى قېتىم بايقىدى.

شىنجاڭنىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ پايدىسىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا گاۋ خەيفېڭغا ئوخشاش سانسىزلىغان ئىختىساسلىقلار بارلىققا كەلدى. مائارىپ، پەن- تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى «بىر تاختا شاھمات»نى ياخشى ئويناشتا ئىختىساسلىقلار «ئاچقۇچلۇق بىر ئۇرۇق». بىر ئۇرۇق جايىدا قويۇلسا، پۈتۈن تاختا شاھمات جانلىنىدۇ.

يېتەكلەش بىلەن تەربىيەلەش تەڭ تۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلار توپلاندى

2024- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ ۋېيچىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن.

شۇ كۈنى، «دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى» بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 81 شەخسكە «دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېر» دەپ نام بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋاڭ ۋېيچىڭمۇ بار.

بۇ نەتىجە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.

2022- يىلى، ۋاڭ ۋېيچىڭ شىنجاڭنىڭ «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى بولغان «تىيانشان تالانتلىقلىرى» تەربىيەلەش پىلانى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇدا ئۈچ يىل ھەر يىلى 2 مىليون يۈەن پەن تەتقىقات خىراجىتى مەدىتىگە ئېرىشتى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى، شارائىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنىڭ پايدىسىدا، مەن ئوقۇتۇش، پەن- تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە كوللېكتىپىمىزدىكى ئەزالار بىلەن بىرلىكتە پەن تەتقىقاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىشلىرىغا تۆھپە قوشالىدىم» دېدى ۋاڭ ۋېيچىڭ. 2022- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى بېكىتتى. 2022- يىلى 1- ئايدا، شىنجاڭ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلدى، ئارقىدىن «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشقا مەدەت بېرىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلەتتى، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى ئون يىلدىكى يىغىندىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى بويىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىق خادىم يېتىشتۈرۈلۈپ ۋە كىرگۈزۈلۈپ، 38 كەسىپ تېخنىكا كوللېكتىپى، 344 پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى، 36 «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرى، نۇقتىلىق باغچە رايونىدىكى 76 يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىغا مەدەت بېرىلدى.

«بىز يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ تەرەققىياتىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان كۆزگە كۆرۈنگەن، باشلامچى، سەرخىل ئىختىساسلىقلار ۋە كوللېكتىپلارنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق <گالنى بوغىدىغان> تېخنىكىلاردا بۆسۈپ ھاسىل قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى 1- باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى.

ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ «ماگنىت مەيدانى» ئۈنۈمىگە ئاساسەن، ئىسپانىيەدە ئوقۇۋاتقان ليۇ بىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە كەلدى، پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدىلا، ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، شىنجاڭ بىشەكچى قوغۇننىڭ بازاردا سېتىلىش ۋاقتى قىسقا بولۇش مەسىلىسىنى نەزەرىيە قاتلىمىدىن ھەل قىلدى، نۆۋەتتە ئېتىزدا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق دەلىللەۋاتىدۇ؛ جۇڭشەن داشۆنىڭ دوكتور ئاشتى پونكىتىدىن يېتىشىپ چىققان ۋاڭ يىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا كەلدى...

نەتىجە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئىش ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق راۋاج تاپىدۇ. 2023- يىلى، شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار سانىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، 529 كارخانا ساپ كۆپىيىپ، 1911گە يەتتى؛ ئاپتونوم رايوندىكى پەن- تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 2256 بولۇپ، 2022- يىلىدىكىدىن %80.2 كۆپەيدى؛ تېخنىكا توختامىدىكى پۈتۈشۈلگەن سومما 7 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022- يىلىدىكىدىن %130 ئاشتى؛ بىر كىشى شەرەپ بىلەن 2023- يىللىق خې لياڭ- خې لى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 119 تۈرلۈك نەتىجە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى...

شىنجاڭ قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىپ، يىراق- يېقىندىن كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى يۈكسەك دەرىجىدە توپلانغان، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرى يۈكسەك دەرىجىدە بىرىككەن، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرى يۈكسەك دەرىجىدە جانلانغان رايون ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكىگە ئايلانماقتا.

سۇپا ھازىرلىنىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

«شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىشى مۆلچەرلەندى، شۇ چاغدا بۇ مەركەزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ھالقىلىرىغا قاتنىشىشى ئىشقا ئاشىدۇ» دېدى جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خەن دېمىن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2- نۆۋەتلىك خۇاشيا ئاكادېمىك- مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ سەپىرى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا.

2023- يىلى 7- ئايدا، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى، بۇ بازىدا مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى سەرخىل ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرى توپلىنىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاش ساھەسىدىكى مۇھىم، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. «ئىككى ئاكادېمىيە» ئاكادېمىكلىرىنىڭ باشچىلىقىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات يۇرتى، چىلان كەسپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى شىنجاڭغا ماكانلاشتى ...

ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار خەلقئارا پەن- تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدۇ، پەن- تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىشى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ.

ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىدىن قانداق ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، شىنجاڭ بۇ ھەقتە ئىزچىل ئىزدەنمەكتە −

كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكى ھەمدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىن ئىبارەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» ئارقىلىق تۆت ئىستراتېگىيەلىك ئالىم ھەم ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە ئېچىش، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ماھىيەتتە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتۇر. تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا.

قانداق قىلغاندا ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز؟ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق قارىدى: پەن- تېخنىكىغا تايىنىپ بايلىققا تىرەك بولۇش، بايلىق ئارقىلىق كەسىپكە تۈرتكە بولۇش، كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى توپلاش كېرەك.

پەن تەتقىقات سۇپىسى كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تىرەك. شىنجاڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ھازىرلاپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە باتارېيە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، چۆللۈك ۋە بوستانلىق ئېكولوگىيەسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك يەتتە تەجرىبىخانا سۇپىسى قۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 134ى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ بويىچە نۇقتىلىق پەن ۋە مۇھىم كەسىپ ساھەلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، «14- بەش يىل» مەزگىلىدە، بۇ شىركەت دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 16نى قۇردى. بۇ سۇپىلارغا تايىنىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى 2427 پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى، ئۆلچەم تۈزۈش- ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار 369 تۈرگە قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش- ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى قاتارلىق دۇنيا بويىچە 65 تۈرلۈك تۇنجى يۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى 61 تۈرلۈك تۇنجى يۈرۈش مەھسۇلاتنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭ يەنە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ «ئاكادېمىك- مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، 1000غا يېقىن ئاكادېمىك- مۇتەخەسسىس شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ ھەم پەن- تېخنىكا مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن- تەتقىقات ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بايلىقتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭ سۇپا مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغان مېھىرلىك تۇپراققا ئايلاندى.

مېخانىزم ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلدى

2023- يىلى شىنجاڭدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشتا، قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ 25 ياشلىق لېكتورى گو يۈجيې دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدال شەرىپىگە ئېرىشىش، 2023- يىلى «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» نامىغا ئېرىشىش قاتارلىق نەتىجىلىرىگە تايىنىپ، باھالاش يېشىل يولى ئارقىلىق، ئالىي لېكتور بولۇپ باھالىنىپ، شىنجاڭدا ئۇنۋان باھالاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياش ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالدى.

شۇ يىلى، گو يۈجيېغا ئوخشاش باھالاش يېشىل يولى ئارقىلىق ئالىي ئۇنۋانى بېكىتىلگەن يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن توققۇزى بولۇپ، «90- يىللاردا تۇغۇلغانلار»نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %66.7كە يەتتى.

«گو يۈجيېغا ئوخشاش ياشلارنىڭ بۇ تەلىيى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولغانلىقىدىن كەلگەن − ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇناسىپ كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى «مۇسابىقىنى باھالاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» «تۈرنى باھالاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» ئارقىلىق بىۋاسىتە بېكىتىلىدىغان بولدى.

سىياسەت جانلانسا ئىختىساسلىقلار جانلىنىدۇ، مېخانىزم يېڭىلانسا ئىشلار گۈللىنىدۇ. تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈپ مەسىلە، تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

2022- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمى جەھەتتىكى «بىكار قىلىش» بىلەن «ئورنىتىش»نى چىڭ كۆزلەپ، ھوقۇق بېرىپ باغلاقنى بوشىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن 31 تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان ئىختىساسلىقلار تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئاساسىي گەۋدىلەرگە ھوقۇق بېرىلىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن باغلاق بوشىتىلدى. شىنجاڭ كەسپىي ئىشتات ئومۇمىي سانى ئىچىدە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان 1000 كەسپىي ئىشتات تەسىس قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار «ئىشتات ئوبوروت كۆلچىكى» قۇرۇپ، ئىشتاتى تولۇق ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە مەخسۇس ئىشلەتتى. ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇنۋانىنى دەرىجە ئاتلىتىپ ئۆستۈرۈش يولى بەرپا قىلدى، يۇقىرى قاتلاملىق، جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئالىي ئۇنۋانى بىۋاسىتە بېكىتىلىدىغان بولدى.

ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىندى، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچ ئاشۇرۇلدى.

2022- يىلى 3- ئايدا، «پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، قىسمەن ئۇل تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار پەن- تېخنىكا تۈرلىرىدە خىراجەتنى «ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلۇپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ساپ كىرىمىنىڭ %70لىك نىسبەتتىن تۆۋەن بولمىغان قىسمىنى پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى تاماملىغان شەخس ياكى كوللېكتىپنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىش بەلگىلەندى...

ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، 2023- يىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىن قىلغان كىرىمى 50 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوتتۇرىچە قىممىتى ئاران 20 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئىدى.

ئىختىساسلىقلارنى زېھنىنى چاچماي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يەنە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىرى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتىنى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارغا ئالاقىدار پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش، تۇرالغۇ كاپالىتى، جورىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتناش- سەپەرگە چىقىش، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار»نى سىستېمىلىق ھەل قىلىپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتۇپ، كەسىپ بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ھەقىقىي ئىگە قىلدى.

چىنار ئېگىز ئۆسسە سۇمۇرغ جەزمەن كېلىدۇ، گۈل ھىدى تارقالسا كېپىنەكلەر ئۆزلۈكىدىن ئۇچۇپ كېلىدۇ. بىر قاتار سىياسەت پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مېخانىزم ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىپ، يېقىندىكىلەرنى خۇش قىلىدىغان، يىراقتىكىلەرنى جەلب قىلىدىغان ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلىدى، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەننى سۆيۈپ كۈرەش قىلىش، يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاش ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە، ئىشلەش جاسارىتى تېخىمۇ ئاشماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125