ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2024- يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
09:40:33 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ نا) 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2024- يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، توققۇز كۇرسانت ۋەكىلى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: يۇقىرى سىجىللىق، يۇقىرى سۈپەتلىك مەركەزلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدۇق، بۇ بىر قېتىملىق سىستېمىلىق، چوڭقۇر بولغان ئىدىيە جەھەتتىكى تاۋلىنىش بولدى؛ توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىز ئۆسۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە ئېڭىمىز سىجىل كۈچەيدى، بۇ بىر قېتىملىق پۇختا، ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىش بولدى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىمىز بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆسۈپ، كەسپىي بىلىم ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمىز تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىگە تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى، بۇ بىر قېتىملىق دەل جايىدا، ئەسقاتىدىغان ئىقتىدار مەشىقى بولۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەۋىلىكنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش، ئىقتىدارنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: خىزمەت ئورنىمىزغا قايتقاندىن كېيىن، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى داۋاملىق ياخشى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «بەش جەھەتتىكى ئاڭلىقلىق»نى ئاكتىپ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125