زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىكى يېڭىلىقلار
09:43:39 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«ئايلانما ياغاچ ئات»قا ئولتۇرۇپ سۈت سېغىش، موزاي ئايرىم «ياتاق بىناسى»دا يالغۇز تۇرۇش، ئېھتىياجىغا قاراپ لايىھەلەنگەن ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى «تاللا تاماق» يېيىش... بۇ، سانجى شەھىرى زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىكى زامانىۋى چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا كۆرۈلگەن يېڭىلىقلار.

7- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتتى، قۇياش نۇرى سانجى شەھىرىنىڭ ئاشلى قازاق يېزىسىدىكى زامانىۋى چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا چۈشكەندە، تۇياق- تۇياق ئالا سېغىن كالىلار «ئىشقا چۈشتى». بۇ سېغىن كالىلار ئالاھىدە ياسالغان يولنى بويلاپ، تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ سۈت سېغىش ئايلانما تاختىسىغا كىردى، خىزمەتچى خادىملار دەرھال تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، سۈت سېغىش ئۈسكۈنىسىنى كىيدۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك سۈت سېغىش باشلاندى.

زامانىۋى چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ كەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ ئېغىر تىپتىكى ئايلانما تاختىلىق سۈت سېغىش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا 80 تۇياق سۈت كالىسىنى ساغالايدۇ».

«ئادەم كۈچى ئارقىلىق سۈت سېغىش ياكى كونا شەكىلدىكى سۈت سېغىش ئۈسكۈنىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قۇرۇلما ۋاقىت تېجەيدۇ، كۈچ تېجەيدۇ، سائىتىگە 550 تۇياق كالىنى سېغىش خىزمىتىنى تاماملىيالايدۇ، ئۈنۈمى بىر ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەڭ مۇھىمى، سۈت سېغىش ئۈسكۈنىسى موزاينىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئېمىش ھالىتىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، سۈت سېغىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ئىللىققا تولغان، سۈت كالىلىرى راھەت ھالەتتە ئوڭۇشلۇق سۈت چىقىرالايدۇ. سۈت سېغىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە شامالدۇرغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، سۈت سېغىش زالىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەملىك تېمپېراتۇرىدىن يۇقىرى بولغاندا، شامالدۇرغۇچ تېمپېراتۇرانى تۆۋەنلىتىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. سېغىلغان يېڭى سۈت سىرت بىلەن ئۇچراشمايدۇ، بەلكى سوۋۇتۇش نەيچىسى ئارقىلىق ساقلاش ئۆيىگە يەتكۈزۈلىدۇ.» ئېغىر تىپتىكى ئايلانما تاختىلىق سۈت سېغىش ماشىنىسىنى تونۇشتۇرغاندا، جاڭ كەينىڭ چىرايىدىن ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى.

سۈت كالىلىرى «ئاقىل تۇرمۇش» كەچۈرگەچكە، تەبىئىيلا تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك سۈت چىقىرىدۇ. «نۆۋەتتە، شىركىتىمىزدە قوتاندىكى سۈت كالىسى 3500 تۇياقتىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سېغىن كالا 1900 تۇياقتىن ئاشىدۇ، كۈنىگە 70 توننىدىن ئارتۇق يېڭى سۈت ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى جاڭ كەي.

بۇ يەردە يېڭى تۇغۇلغان موزايلار راھەتكە تولغان «ئاقىل تۇرمۇش»نى باشلايدۇ.

موزايلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان موزاي ئارىلىغا كۆچۈپ كىرىدۇ، بىر موزاي بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرىدۇ، مەخسۇس ئادەم باقىدۇ. بۇ خىل ئايرىپ بېقىش ئۇسۇلىدا موزاينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا كېسەللىك بىلەن گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىپ، ئىچى سۈرۈش ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، موزاي تۇغۇلغان كۈنى ئىككى قۇلىقىغا مەخسۇس ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق بەلگىسى سېلىنىدۇ. قۇلاق بەلگىسىگە نومۇر قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىغا ئوخشايدۇ، بۇ، باقمىچىلارنىڭ كالىلارنىڭ يەم- خەشەك نىسبىتى، سالامەتلىكى ھەم يۇقۇم مۇداپىئەسى ئەھۋالى، كېيىنكى سۈت چىقىش مىقدارى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى 24 سائەت نازارەت قىلىشىغا قولايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق بەلگىسىدىكى ئۇچۇرلار ئاپتوماتىك ھالدا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا يوللىنىدۇ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ھەربىر تۇياق كالىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئارخىپى بار بولۇپ، تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.

بىر موزاي بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇش تەمىناتىدىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، تۈرلۈك بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەشتە لاياقەتلىك بولغان موزايلار ئاقىل كالا قوتىنىدا كوللېكتىپ تۇرمۇشنى باشلايدۇ.

«كوللېكتىپ تۇرمۇشمۇ ناھايىتى راھەت.» جاڭ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: شال پوستىدىن تەييارلانغان «يۇمشاق كارىۋات»، كالا چوتكىسى، تېمپېراتۇرىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلىنىدىغان مۇنچا سىستېمىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى كالا قوتىنىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى. بۇنىڭدىن باشقا، كالا قوتىنىغا يەنە مەنپىي بېسىملىق شامالدۇرغۇچ، ئاپتوماتىك يەم سېلىش ماشىنىسى، ئاپتوماتىك قىغ تازىلاش ماشىنىسى قاتارلىق زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلىنىدىغان سېنزور قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى 24 سائەت تولۇق يىغىپ، كالا قوتىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى، ئاممىياك گازىنىڭ قويۇقلۇقى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ، ئەگەر كۆرسەتكۈچتە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، خىزمەتچىلەر يان تېلېفون APP ئارقىلىق شامالدۇرغۇچ، سۇ پەردىسى، سۇ پۈركۈش، يورۇقلۇق چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش پارامېتىرىنى تىزگىنلەپ، كالىلارنى راھەت «تۇرۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

سۈت كالىلىرىنىڭ راھەت تۇرمۇشىغا سانجى شەھىرى زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلارنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشى تىرەك بولغان.

سانجى شەھىرى زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى جايلاشقان ئاشلى قازاق يېزىسى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان «قىممەتلىك سۈت مەنبەسى بەلبېغى»غا جايلاشقان. «نۆۋەتتە، كەسىپلەر باغچىسىدا زامانىۋى چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىدىن 48ى، ماشىنىلاشقان سۈت سېغىش زالىدىن توققۇزى بار، سۈت كالىسى باقمىچىلىقىنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشىدۇ، كۈنىگە 250 توننا سۈپەتلىك يېڭى سۈت ئىشلەپچىقىرىدۇ» دېدى سانجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ چۇنگو.

جاڭ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىركىتىمىز كالا قوتىنى ۋە سۈت سېغىش زالى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامالدۇرغۇچ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ پۈركۈش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ، يەم- خەشەك ئىتتىرىش ماشىنا ئادىمى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ تېجەشلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، 1- قاراردا 5000 تۇياق كالا بېقىش نىشانىنى تاماملاپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېڭى سۈت مىقدارىنى 100 توننىدىن ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ سۈت كالىسىنى ئاقىل بېقىش ئۈلگىسى بەرپا قىلىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125