ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى قاتناش بېكىتى تەسىس قىلغان «مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئۆتىڭى»دە يېمەكلىك سېتىۋالماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ شۇفاڭ فوتوسى)
«تاتلىق، تۇزلۇق، يەنە مەززىلىك پۇرچاق تەملىكىمۇ بار». 7- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 35- يول ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى ما بىن ئىسمېنا ئالماشقاندىن كېيىن، ئۇدۇل ليۇداۋان مەيدان بېكىتى ئىچىدىكى «مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش خەلققە قولايلىق ئۆتىڭى» يېمەكلىك سېتىش نۇقتىسىغا بېرىپ پېچىنە- پىرەنىك سېتىۋالدى.
ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى ئارقا سەپ مۇلازىمەت مەركىزى بىرىنچى سەپتىكى شوپۇر ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئاممىۋى قاتناش + ئارقا سەپ تەمىناتى» ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ليۇداۋان، ۋاڭجيالياڭ، شەرقىي باجياخۇ، باداۋان قاتارلىق ئون نەچچە ئاممىۋى قاتناش مەيدان بېكىتىدە «مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش خەلققە قولايلىق ئۆتىڭى» تەسىس قىلىپ، خۇاجەر، قوتۇرماچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقىم باھالىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئېھتىياجغا قاراپ سېتىۋالسا بولىدىكەن.
شۇ كۈنى ما بىن «كەچلىك گېزىت يۇغۇرما تاراتقۇسى. سىزگە ياردەم قىلىدۇ» قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى ئارقا سەپ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بۇ چارىسىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «بىز ئادەتتە مەيدان بېكىتىگە ناھايىتى بالدۇر كېلىمىز، ئىشتىن كەچ چۈشىمىز، بەزى ئەر- خوتۇن شوپۇرلار تېخىمۇ جاپا تارتىدۇ، مۇقىم باھالىق يېمەكلىكلەر كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى».
دائىم 3- يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرىدىغان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى خۇڭ ئارىلاپ- ئارىلاپ بۇ يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن بىر خالتا تاتلىق يېمەكلىك سېتىۋالغان ئىدىم، بۈگۈن يەنە كەلدىم. بىر خالتىغا قاچىلانغان بەش قوتۇرماچ يەتتە يۈەن ئىكەن، بىر خالتىغا قاچىلانغان ئون خۇاجەرنىڭ دانىسى خېلى چوڭ، تەمى ياخشى، يەنە تېخى ئەرزانكەن».
كېيىنكى قەدەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ھەرقايسى تىجارەت بۆلۈملىرىنىڭ 50 نەچچە مەيدان بېكىتىدە نۇقتا تەسىس قىلىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى شوپۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولۇچىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پارچە پۇل ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر كۆپەيتىلىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ شۇفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ خۇا خەۋىرى)