7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى كۆپ تارماق تۇدۇڭخابا سانائەت باغچىسى بىلەن بىرلىشىپ، باغچە رايونىدىكى 26 كارخانىنى كارخانىنىڭ يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مەھسۇلاتى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى يۈزتۇرا تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بۇ كارخانىلار ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېمەكلىك، تېببىي دورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى كارخانىلار تونۇشتۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېڭىشىپ، يېڭى پۇرسەت ئۈستىدە ئىزدەندى.
شىنجاڭ جىنشۆچى پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان يەرلىك كارخانا بولۇپ، نۆۋەتتە بەش چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە يەتتە چوڭ سېتىش شىركىتى، ئۈچ چوڭ تۈردىكى نەچچە يۈز خىل مەھسۇلاتى بار. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: «كارخانىمىز ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز ھالدا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا خىراجەت ئاجرىتىپ، سىلىقلاش مېيىنى يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىش ساھەسىگە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، مەھسۇلاتلىرىمىز دۆلەت ئىچىدىكى 20 نەچچە ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىچە سېتىلىدۇ. ھۆكۈمەت قۇرغان ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق كارخانىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، باشقا كارخانىلار بىلەن بولغان چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئۈرۈمچى كېدى رەڭلىك باسما ئوراش- قاچىلاش چەكلىك شىركىتى پۈرمە قەغەز، قەغەز يەشىك ئىشلەپچىقىرىدىغان ئوراش- قاچىلاش كارخانىسى بولۇپ، كونا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، بۇلتۇر يەنە ئۈرۈمچى يېشىل رەقەملىك ئوراش- قاچىلاش كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشتى، بۇ شىركەت ئاساسلىقى يېمەكلىك، ئىچىملىك، قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلارغا كېرەكلىك نەچچە يۈز خىل مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى ئورالمىسىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ سېتىش دىرېكتورى جاۋ شۈەيلى مۇنداق دېدى: «كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن كارخانىمىز مەخسۇس يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئەسلىدىكىدىن %40 ئەتراپىدا ئاشتى. كارخانىمىز يەنە رايون ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەھسۇلات تۈرىنى بېيىتىپ، كەسىپ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ تېخىمۇ كۆپ زاكازلىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ».
شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بەش چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتىغا تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ زامانىۋى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، چارۋىچىلىق چوڭ رايونىدىن چارۋىچىلىق كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشنى تېزلەتتى. شىنجاڭ بىيوخىمىيە دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى تىيانشان پاقلىنىنىڭ «تۆتىنچى قېرىنى» − شىرداننى خام ئەشيا قىلىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان بىيودورا − پاقلاننىڭ ئاشقازىنىدىن ئايرىۋېلىنغان ماددا ۋىتامىن B12 كاپسۇلىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ شىركەت تىيانشان پاقلىنىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاساس قىلىپ، پاقلان قېرىنى، ئۈچىيى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قوي ئىچكى ئەزالىرىدىن ئىشلەنگەن بىيودورا، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، ئەرمەك ھايۋان يېمەكلىكلىرى قاتارلىقلارنى كۈچەپ تەتقىق قىلىپ ياساپ، «بىر قوينىڭ ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.
ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا سانائەت باغچىسىدا ھازىر 300دىن ئارتۇق كارخانا بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى سانائەت كارخانىسى 200دىن ئاشىدۇ. مېتال بۇيۇملارنى پىششىقلاش، ماشىنىسازلىق، بىيودورا ياساش، يېمەكلىك (ئاشلىق- ياغ) پىششىقلاش، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، رەڭلىك باسما ئوراش- قاچىلاش يېتەكچى قىلىنغان كۆپ كەسىپلىك ئۇنىۋېرسال سانائەت باغچە رايونى شەكىللەندى.
تۇدۇڭخابا سانائەت باغچىسى يەنە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش سۇپىسى قۇرۇپ كارخانىلارنىڭ خېرىدار جەلپ قىلىشىغا ياردەم بەردى.
شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېڭ كۇن مۇنداق دېدى: «سانائەت باغچىسى دائىم كارخانىلار ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى قۇرۇپ، يالغۇز كۈرەش قىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىرلىشىپ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان كەسىپلەرگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، كارخانىلار بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ نەپ ئالدى».
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چىن جياڭفېڭ مۇنداق دېدى: «ئىدارىمىز سانائەت باغچىسى بىلەن ھەرقايسى تارماقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلتىماس- تەلىپىنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ قاتلاملىق تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم كەسىپلەر ئىتتىپاقىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى مەھسۇلاتلىرىنى <چىقىرىش> ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت داۋامىدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ».
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى)