مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 350 مىليون يۈەن مەبلەغنى جىددىي چۈشۈرۈپ، خېنەن، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىنكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللىغان، بۇ مەبلەغ ئاپەت رايونىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان سۇچىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ئىشلىتىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى سۈن يۈەن)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)