2027- يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە 2028- يىللىق لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات تەپەككۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىقىغا تەكلىپ قىلىش لايىھەسىگە ئاساسەن، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى گو شىچياڭنى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىقىغا تەكلىپ قىلدى.
گو شىچياڭ ئىلگىرى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرېنېرى بولغان، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇھىم مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى كۇلۇبىنىڭ باش تىرېنېرى بولغان ھەمدە كوماندىنى باشلاپ CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.
پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)