ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سىياسەت كەلدى!
16:57:29 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

7- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك پىرىنسىپى»نى ئېلان قىلدى.

ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىش ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇ ئىشقا ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. يېتەكچىلىك پىرىنسىپىدا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، بالدۇر ئارىلىشىش ۋە كېسەللىكتىن ئالدىن سىگنال بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىلمىي، سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

يېتەكچىلىك پىرىنسىپىدا، ساغلام غىزالىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇزنى ئاز، ماينى ئاز، شېكەرنى ئاز قوشۇش؛ ئىلمىي ئارىلىشىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ئەسكەرتىپ، مەكتەپلەرنى سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئوزۇقلۇق يېتەكچىلىك خادىملىرىنى سەپلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛ بەدەن پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرىكەتنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەرنى ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە باشلىقلىرىغا سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش؛ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمرىپ كېتىش خەۋپىنى ئۆزى ئۆلچەپ باھالاش جەدۋىلى»نى ئېلان قىلىپ، ئائىلە، مەكتەپلەرنى كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزى ئۆلچەپ باھالاش جەدۋىلىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىنى ھېسابلاش ئارقىلىق، باھالاش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش... قاتارلىق كونكرېت يولغا قويۇش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دۆلىتىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ سەمىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125