ئەمدى چەك تارتىلمايدۇ! ئۈرۈمچىدىكى كاپالەتلىك ئۆيلەرنى تەقسىملەش ئۇسۇلى ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاشقا تەڭشىلىدۇ
11:45:12 2024-07-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان، قولاي ئۆي قاتارلىق كاپالەتلىك تۇرالغۇلارنى تەقسىملەش توردا ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ ئىجارە ئېلىش، سېتىۋېلىشقا تەڭشىلىدۇ، ئەمدى چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەقسىملەش تەرتىپى ياكى ئۆي مەنبەسىنى بېكىتىش ھاجەتسىز.

 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، «ئەنجۇ گۇاڭشا» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا بۇ يىللىق 3- تۈركۈمدىكى ئاممىۋى  ئىجارە ئۆي، ئەرزان، قولاي ئۆي قاتارلىق ئۆي مەنبەلىرى ئېلان قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 7- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ يېڭى تەقسىملەش ئۇسۇلى يولغا قويىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى.

 بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆينى تاللاشتا «دۈشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە» ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ ئىجارىگە ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ھەر دۈشەنبە «ئەنجۇ گۇاڭشا» يان تېلېفون سۇپىسىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى مەخسۇس سەھىپىسىدە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي مەنبەسىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ، كاپالەتلىك ئائىلىلەر ھەر ھەپتىدە پەقەت بىر يۈرۈش ئۆينى ئارزۇ بويىچە تولدۇرسا بولىدۇ، ئارزۇ تولدۇرۇشتا كاپالەتلىك ئائىلىلەر كاپالەت سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋاقتىنىڭ ئالدى- كەينى بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ. ھەر پەيشەنبە سائەت 19دىن بۇرۇن، كاپالەتلىك ئائىلىلەر ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۆي تاللاش ئارزۇسىنى تەكشۈرسە ۋە ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ھەر جۈمە، ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بېكىتىلگەن ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە تىزىلغان كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئۆي ئىجارىگە بېرىش بىر- بىرلەپ بېكىتىلىدۇ.

 ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي مەنبەسى چەكلىك بولغاچقا، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى تاللاشتا ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاشقا قاتنىشىدۇ، لېكىن ئىجارە ھەققى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي ھەققى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

 ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ ئىجارىگە ئېلىشتا نۆۋەت بىلەن كۈتۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ئۈچ يىللىق كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە سالاھىيەتكە ئېرىشىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا، ئۆينى شۇنچە ئاسان تاللاپ بېكىتەلەيدۇ. ئۆي تاللاشتىن، ئىجارىگە ئېلىشتىن ۋاز كېچىش قىلمىشىغا قارىتا، بىر قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچسە ئۈچ ئاي ئىچىدە يەنە ئۆي تاللاشقا بولمايدۇ، ئىجارىگە ئېلىشى بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىجارىگە ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەر بىر يىل ئىچىدە يەنە ئۆي تاللاشقا بولمايدۇ، ئۈچ قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچسە ياكى ئىككى قېتىم ئۆينى ئىجرا ئېلىشتىن ۋاز كەچسە كاپالەتلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

 ئەرزان، قولاي ئۆيلەرنى تەقسىم قىلىشتا ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ سېتىۋېلىنىدۇ، كونكرېت تەرتىپى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، لېكىن ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشتا كاپالەتلىك ئائىلىلەر 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارقىلىق چەك تارتىپ بېكىتىلگەن ئۆي تاللاش رەت نومۇرىنىڭ ئالدى- كەينى بويىچە رەتكە تىزىلىدۇ. بىر قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچكەنلەر، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۆي تاللاپ سېتىۋېلىشقا قاتنىشالمايدۇ، ئىككى قېتىم تاللاشتىن ۋاز كەچكەن ھەمدە تاللانغان ئۆينى ۋاقتىدا كېلىشىم ئىمزالاش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ئەرزان، قولاي ئۆي سېتىۋېلىش كاپالىتى سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

 دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەرزان، قولاي ئۆيلەرنى تەقسىملەش سىياسىتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىلغاچقا، بۇ قېتىمقى ئارزۇسى بويىچە ئۆي تاللاپ سېتىۋېلىش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەرزان، قولاي ئۆي مەنبەسى ئەڭ ئاخىرقى ئۆي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆي تاللاپ سېتىۋالمىغان كاپالەتلىك ئائىلىلەر 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن تەقسىملەپ سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەمدە بىر قېتىم ئالدىن ئۆي تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىغانلار، كاپالەت سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125