7- ئاينىڭ 20- كۈنى، مۇخبىر خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىغا جايلاشقان جىيا گۈزىلى ئەتلەس ھۈنەرخانىسىغا باردى، بۇ ھۈنەرخانىدا ھازىرغىچە قەدىمكى دەۋردىكى ئۆسۈملۈك رېڭى ئارقىلىق بوياش تېخنىكىسى ۋە ياغاچتىن ئۆزى ياسىغان دەستىگاھ ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھۈنەرخانا ئەنئەنىۋى توقۇش- بوياش، خەلق ئۆرپ- ئادەت كىيىم- كېچەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاش، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك ئەتلەس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، ساياھەتچىلىك بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. ھۈنەرخانا 2007- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك سانائەت ساياھىتى ئۈلگە نۇقتىسى بولۇپ باھالاندى، 2014- يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەتلىك AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ قۇرۇلدى.
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس توقۇش- بوياش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۈل نۇسخىلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن نەپىس، بۇنىڭدىكى ئىلھام مول تەبىئىي مۇھىت، كۆپ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە قويۇق خەلق ئۆرپ- ئادىتىدىن كەلگەن. ئەتلەس توقۇش- بوياش ھۈنىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، توقۇشتىن بۇرۇنلا گۈل نۇسخىسى لايىھەلىنىپ بولىدۇ، ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپىدە ئاۋۋال بوياپ ئاندىن توقۇلىدۇ، ئەكسىچە باشقا يىپەك بوياش ھۈنەر- سەنئىتىدە توقۇلۇپ بولغان رەخت بويىلىدۇ، ئۇنىڭ نەپىس گۈل نۇسخىلىرى گۈل- گىياھ، ئۆسۈملۈك، تەبىئىي قىياپەت، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىقلاردىن كەلگەن، رەڭلەرنىڭ چىرايلىق ماسلاشتۇرۇلۇشىدىن تەبىئەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
مۇخبىر: جۇڭ جاۋفېڭ
نازارەتچى: شۆ جىڭ، چېن فېڭ
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)