خىزمەت ئىزدەشنى سودىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بۇ ئاپپاراتلارنىڭ مۇلازىمىتى ئىشەنچلىكمۇ؟ (2)
16:33:45 2024-07-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر پۇل تاپشۇرۇش ئاسان، پۇل قايتۇرۇش تەس بولۇشتەك مەسىلىگە يولۇقتى

 ئىلگىرى خىزمەت ئىزدەش ئاپپاراتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، ھازىر خىزمەت ئىزدەش ئاپپاراتلىرىنى باھالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر كەسپىي زاتنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، بەرگەن ۋەدىسى بويىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمىگەندىن باشقا، بىر قىسىم خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا يەنە پۇل تاپشۇرۇش ئاسان، پۇل قايتۇرۇش تەس بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن.

 شياۋجاڭ پۇل قايتۇرۇش قىيىن بولۇش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى. بۇ ئاپپاراتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇ پۇلنى قايتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. قارشى تەرەپ بىر پارچە چىقىم تىزىملىكىنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭدا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەلالاشتۇرۇش، توردا دەرس ئۆتۈش قاتارلىق تۈرلۈك چىقىملار بار ئىدى. «بۇ چىقىملارنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ بېرىدىغان پۇلى ھېچقانچە قالمىدى»، دېدى شياۋجاڭ.

 شياۋجاڭنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگىنى شۇكى بولدىكى، ئاپپارات ھەر بىر مۇلازىمەتنىڭ كونكرېت باھاسىنى ئالدىن ئۇقتۇرمىغان، پۇلنى قايتۇرغاندا ئاندىن باھانىڭ بازارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ھازىر شياۋجاڭ بۇ ئاپپارات بىلەن پۇل قايتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.

 خىزمەت ئىزدىگۈچى شياۋلىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. 2023- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرىدا، چەت ئەلدىكى مەلۇم داشۆنى پۈتكۈزگەن شياۋلى ۋەتەنگە قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پىلانلىغان ھەم شاڭخەيدىكى بىر خىزمەت ئىزدەش ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىر قېتىمدىلا تەخمىنەن 350 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپ، بۇ ئاپپاراتنىڭ «VVIP ئەزاسى» بولغان. «ئۇلار <يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلىك مۇناسىۋەت> ئارقىلىق، چوڭ زاۋۇت يېتەكچىسى بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىدۇ، سىز داڭلىق كارخانىنىڭ ئۇقتۇرۇشنامىسىنى ئالالايسىز دەپ ۋەدە بەردى»، دېدى شياۋلى.

 «لېكىن كېيىن ئاپپارات پەقەت ئىچكى قىسىمدا تونۇشتۇرۇش كودىنىلا ئەۋەتىپ بەردى، ئاتالمىش چوڭ زاۋۇت يېتەكچىسى، سالاھىيەت ئىسپاتى يوق، دەرس سۈپىتىمۇ ئادەتتىكىچە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپپاراتمۇ توختامغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يۈزتۇرا ئىمتىھان پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمىدى»، شياۋلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5- ئايدا ئەتىيازلىق قوبۇل قىلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسىمۇ، ئاپپارات يەنىلا پۈتۈشكەن خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىيەلمىدى، مەن پۇلنى قايتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسامممۇ، لېكىن ئاپپارات قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالدى.

 ئادۋوكات ياڭ باۋدۇڭ مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: ئەگەر خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ھەق تۆلىگەن، ئاپپارات ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن نەقلەشمىگەن بولسا، ئىككى تەرەپ توختام ماجىراسىغا كىرىدۇ، يەنە ھەق تەلەپ ئالدامچىلىقىغا چېتىلىشى مۇمكىن. ئەگەر رەسمىي رويخەتكە ئالدۇرمىغان ئاپپارات بۇ قىلمىشقا چېتىلسا، يەنە ئالدامچىلىققا چېتىلىدۇ.

 مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ۋەدىسى ۋە سۆزىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك

 خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن بىردەك بولماسلىق، پۇل قايتۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ياڭ شۈخۇا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ئۇچۇر ماس كەلمىگەنلىكتىن، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر كەسپىي مۇلازىمەتنى تولۇق چۈشەنمەي، ئاسانلا مۇبالىغە قىلىنغان ساختا تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ كېتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بىر قىسىم ئاپپاراتلار تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى «خاسلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت»نى لېنتىغا ئېلىنغان دەرسنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەرگە ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۈنۈملۈك كەسىپ ئۆلچىمى ۋە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كەمچىل، بەزى ئاپپاراتلار تۆۋەن سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسىمۇ جازالانماي، ئاخىرىدا كەسىپتە ياخشىلار بىلەن يامانلار ئارىلىشىپ كېتىش، قالايمىقان ئەھۋاللار كۆپلەپ يۈز بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 ياڭ شۈخۇا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ ۋەدىسى ۋە سۆزلىرىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكنى ئەسكەرتتى. پۇل تاپشۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن ئاپپاراتنىڭ سالاھىيىتى، ساھەنىڭ ئىسپاتى ۋە ئىجازىتىنىڭ بار- يوقلۇقى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ مۇناسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە ئىش ئورنىغا چىقىش شەرتىنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، توختامنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئاپپاراتنىڭ كونكرېت مۇلازىمەت مەزمۇنى، خىراجەت تەپسىلاتى ۋە ھەق قايتۇرۇش سىياسىتىنى تەپسىلىي ئىگىلەش كېرەك.

 «ئەگەر بەرگەن ۋەدىنىڭ ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن بىردەك بولمىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئالدى بىلەن ئاپپارات بىلەن ئالاقىلىشىپ كېڭىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بولىدۇ. ئەگەر كېڭەشكىلى بولمىسا، قانۇنىي يول ئارقىلىق ھوقۇقنى قوغداشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى سۇپىدا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەينەن سۆزلەپ، باشقا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتسىمۇ بولىدۇ»، دېدى ياڭ شۈخۇا.

 ياڭ باۋدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتى توختام بويىچە مۇناسىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىر قىسىم خىراجەتنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ماسلىشىشنى رەت قىلسا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر مەسئۇل باشقۇرغۇچى تارماققا بىۋاسىتە ئەرز قىلسا بولىدۇ. توختام ماجىراسىغا چېتىلغاندا سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

 «بەزى خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تور مۇلازىمىتى ۋە رايون ھالقىغان مۇلازىمىتىگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن- نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىگە يولۇققاندا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك»، دېدى ياڭ شۈخۇا.

 (تۈگىدى)

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125