دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوختۇر لى شېڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ھال سورايمىز. تېببىي خادىملارنى زوراۋانلىق بىلەن زەخىملەندۈرۈش قانۇنغا خىلاپ ئېغىر جىنايى قىلمىش، بىز بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. دوختۇرنى زەخىملەندۈرۈش قىلمىشى تېببىي خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە نورمال داۋالاش مۇلازىمىتى تەرتىپىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلدى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ھەرقانداق شەكىلدىكى دوختۇرنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىگە قەتئىي يول قويمايدۇ.
2020- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»دا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: داۋالاش- ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، كىشىلىك ئىززەت- ھۆرمىتى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ داۋالاش- ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى، زىيان يەتكۈزۈشى، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ كىشىلىك ئىززەت- ھۆرمىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى جايلارنىڭ تىنچ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، داۋالاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاغرىقلار ۋە تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. ھەرقايسى جايلار دوختۇرخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقچىلار بىلەن دوختۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى ئورتاق قوغداشقا مۇراجىئەت قىلدى.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ياڭ ياڭ، جاڭ پىڭ، شى يىڭچۇن)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)