سىچۇەن خەنيۈەندىكى كەلكۈن، لاتقا- شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش
18:30:32 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

7- ئاينىڭ 22- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى خەنيۈەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دوختۇرلار يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىماقتا.

مۇخبىرنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى خەنيۈەن ناھىيەسى ماليې يېزىسىدىكى «20- ئىيۇل» كەلكۈن، قارا يامغۇر ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 16گىچە، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلاردىن 10ى بايقالغان، 29 كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن بۇيان، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش- داۋالاش خىزمىتى داۋاملىق جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، نۆۋەتتە 15 يارىدار قوبۇل قىلىنىپ داۋالىنىۋاتىدۇ (ھەممىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەم داۋالانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن ئايرىلدى).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شى فوتوسى، خەۋىرى

7- ئاينىڭ 22- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى خەنيۈەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاش مۇتەخەسسىسى يارىدارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

7- ئاينىڭ 22- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى خەنيۈەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دوختۇرلار يارىدارلار ياتقان كېسەلخانىنى تەكشۈرۈپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويماقتا.

7- ئاينىڭ 22- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى خەنيۈەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تېببىي خادىم يارىدارلار ياتقان كېسەلخانىدا خىزمەت قىلماقتا.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125