ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ℃45تىن ئېشىپ كېتىدىكەن. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىيپاش غەربىدىكى رايونلار، تىيانشان تېغى تاغلىق رايونلىرىدا ئۆتكۈنچى بوران- چاپقۇنلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە،7- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ℃35تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن ئېشىپ كېتىدىكەن، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃45تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
7- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى- شىمالىي قىسمى، تىيانشان تېغى تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىلى دەريا جىلغىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرھال يامغۇر يېغىپ، قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، بوران ئېغىزىدىكى ئۆتكۈنچى بوران 10 بالغا يېتىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قۇم ياغىدىكەن ياكى قۇم بوران چىقىدىكەن.
7- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىخەنزە شەھىرىدە كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلگەندىن كېيىن ھەسەن- ھۈسەن چىقتى. ئىختىيارىي مۇخبىر جيەن ئەي فوتوسى
7- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، ئىلى دەريا جىلغىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرھال يامغۇر يېغىپ، قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)