«گۈل ئىقتىسادى» يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى
10:46:11 2024-07-25 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

7- ئاينىڭ 19- كۈنى ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرى خېنەن كەنتىدىكى ئاپتاپپەرەسلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى تۇرالغۇ مۇھىتنى ياخشىلاشنى تايانچ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى- كەينىگە گۈل- گىياھ تېرىپ، كۆچەت تىكەن، گۈللۈك كوچا قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىگە كۈچ قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نېلۇپەر، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق خاس ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى نىشان قىلىپ، «گۈل ئىقتىسادى» ئارقىلىق مەدەنىيەت- ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان داجۇاڭزى كەنتىدىكى 100 مولۇق نېلۇپەر بازىسىدا توپ- توپ نېلۇپەر گۈللىرى بەس- بەستە ئېچىلىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولدى.

 كۆلچەكتىكى ياپيېشىل نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى ئارىسىدا نېلۇپەر گۈللىرى ئېچىلىپ كۆزنى قاماشتۇردى. ساياھەتچىلەر گۈل- گىياھلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە نېلۇپەر گۈلىنى ئۈزسىمۇ بولىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جۇ لىڭلىڭ مەخسۇس سەنداۋباغا نېلۇپەر گۈلىنى سۈرەتكە تارتقىلى كەلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ خەۋەرلەردىن بۇ يەردە تۇتاش كەتكەن نېلۇپەر كۆلى بارلىقىنى بىلگەن ھەمدە كېلىپ كۆرۈپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى.

 نېلۇپەر كۆلى يىراق- يېقىنغا داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. داجۇاڭزى كەنتى نېلۇپەرنى ۋاسىتە قىلىپ، نېلۇپەر گۈلىنى يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىگە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا داجۇاڭزى كەنتى ۋە ئەتراپتىكى «نېلۇپەر ئىقتىسادى»نىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

 داجۇاڭزى كەنتىدىكى دېھقان ۋۇ يالى نېلۇپەرگە تايىنىپ، ئۆزى تېرىغان شوخلا، كۇگۇا قاتارلىقلارنى سېتىپ، ناھايىتى ياخشى پايدا ئالدى.

 ۋۇ يالى مۇنداق دېدى: «نېلۇپەر گۈلى ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، بولۇپمۇ ھەپتە ئاخىرىدا خوتۇنۇم ئىككىمىز يېتىشەلمەي قالدۇق، زىيانسىز كۆكتاتلار ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، كۈندىلىك تىجارەت سوممىمىز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 يۈەن ئەتراپىدا بولدى».

 ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى خاس يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېڭى مەنزىل ئاچتى.

 ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرىدا 500 مودىن ئارتۇق ئاپتاپپەرەس بەس- بەستە ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

 «بۇ يەردە ئاپتاپپەرەسنى تاماشا قىلىپ سۈرەتكە چۈشتۇق، بۇ سەپىرىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولدى». 7- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ليۇ شىنشىن قومۇلدىن كەلگەن بەش دوستىنى ئېلىپ مىدۇڭ رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ، گۈل سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى.

 ئاپتاپپەرەس قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق بولۇپ، يەنە ناھايىتى تاماشا قىلىشچانلىققا ئىگە. بۇ مەزگىلدە ئاپتاپپەرەسلەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ھۇزۇر بېرىش بىلەن بىللە، ئاپتاپپەرەستىن شەكىللەنگەن گۈل دېڭىزى مەنزىرىسى كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەت ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمدىن بەھرىمەن قىلدى.

 دۈن خۇڭخەي توۋداۋبا كەنتىدە بىر دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، گۈل سەيلىسى مەزگىلىدە ئۇنىڭ تىجارىتى ناھايىتى ياخشى بولدى.

 دۈن خوڭخەي مۇنداق دېدى: «بىز يەنە گۈل ئۈزۈشنى يولغا قويۇپ، گۈل سەيلىسى قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دائىم بىزنىڭ سەنداۋباغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدۇق».

 مودەنگۈل، ئەتىرگۈل، بەيخې قاتارلىقلار كۆزنى قاماشتۇردى، سەبدە گۈل، تۈگمە گۈل، كاڭنەيشىن قاتارلىق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى.

 چاڭشەنزى بازىرى ۋەنجيالياڭ كەنتىدىكى ئۈرۈمچى ۋەنلى نۇڭچىڭ كۆكتات تېرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۆستۈرۈش باغچىسىدا، ئوينىغىلى كەلگەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى خۇاڭ لېي بۇ گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش باغچىسىغا مەپتۇن بولۇپ، ئىختىيارسىز قولىدىكى فوتو ئاپپاراتنى چىقىرىپ كۆز ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتتى.

 خۇاڭ لېي مۇنداق دېدى: «گۈللەر چىرايلىق ئېچىلىپتۇ، باھاسىمۇ ئەرزان ئىكەن، شۇڭا ئازراق گۈل سېتىۋالدىم».

 شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۈرۈمچى ۋەنلى نۇڭچىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى لى گاڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن بىللە گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسىغا كېلىپ، بۇ ئىككى كۈنلۈك زاكاز ئۈچۈن گۈل- گىياھ ئۈزۈشكە باشلىدى.

 لى گاڭ جەمئىي 80 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق 15 خىل سورتلۇق گۈل تېرىغانىدى.

 لى گاڭ ئاددىي ھېسابلاپ مۇنداق دېدى: ئوخشاش كۆلەمدىكى پارنىك بويىچە ھېسابلىغاندا، گۈل مايسىسى يېتىشتۈرگەندە كۆكتات مايسىسىنى يېتىشتۈرگەنگە قارىغاندا كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گۈل- گىياھلارنىڭ تەسىرىدە، كۆكتات ئۈزۈش باغچىمىزغا كېلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى.

 گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى يول ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا يېزا- كەنتلەرگە ھۆسن قوشتى. ھازىرغىچە گۈل- گىياھ پارنىكىدا ھەر كۈنى 1000 تۈپكە يېقىن گۈل- گىياھ مايسىسى، گۈل سېتىلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى كۆكتات ئۈزۈش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125