شىنجاڭ داخاڭچېڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ 1- قارارلىق زاۋۇت بىناسىنىڭ ئۆگزىسى يېپىلماقتا. (7- ئاينىڭ 19- كۈنى تارتىلغان سۈرەت) («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى)
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ داخاڭچېڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ 1- قارارىدىكى ئون كورپۇس زاۋۇت بىناسىنىڭ پولات قۇرۇلمىلىق ئاساسىي گەۋدىسى ئۆگزىسىنىڭ يېپىلىشىغا ئەگىشىپ، 1- قارارلىق تۈرنىڭ يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىغا كېرەكلىك يۈرۈشلۈك زاپچاسلار بىرىكتۈرۈلۈپ، «ئۆمەك تەشكىللەش» شەكلىدە كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى مۆلچەرلەندى.
بۇ تۈر قۇرۇلۇشى شىمالدا تۇدۇڭخابا تاشيولىغا، جەنۇبتا شياڭيۈن غەربىي كوچىسىغا تۇتىشىدىغان، شەرقتە شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىگە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 9- ئاينىڭ 30- كۈنى پۈتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بۇ تۈردە قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىگە پولات قۇرۇلما ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قۇراشتۇرۇلۇش نىسبىتى %70تىن ئاشقان، كېيىنكى قۇرۇلۇشتا ئۆگزە، تام، دېرىزە قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ئاسراش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدىكەن.
بۇ تۈر قۇرۇلۇشىدا سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەر 296 مو بولۇپ، 1- قارارلىق تۈرگە 134 مو يەر ئىشلىتىلىدىكەن، ئالتە كورپۇس يۇقىرى ئۆلچەملىك زاۋۇت بىناسى ۋە تۆت كورپۇس ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن بىنا سېلىنغان، زاۋۇت بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىردىن 11 مىڭ كىۋادرات مېتىرغىچە بولۇپ، يەككە گەۋدىلەرنىڭ ئۆگزىسى پولات قۇرۇلمىلىق قىلىپ يېپىلغان، ھازىر ئارقا- ئارقىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئىلتىماس قىلىنىۋېتىپتۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاپ ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، سودىلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا بوشلۇقىنى تەدرىجىي تولدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ ئايدا بۇ رايوندىكى لۇڭشېڭدا زاۋۇت پونكىتىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش، ئىشلىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشىدە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.