ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن) داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئىزدەش، قوشۇمچە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، بىلىپ- بىلمەي «ئۇچۇر تور جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى»گە چېتىلىپ قالىدۇ. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ خوتەن كوچىسى ساقچىخانىسى «ئالدامچىلىققا چېتىشلىق كارتىنى قانۇن بويىچە ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش» يىپ ئۇچىغا قارىتا چوڭقۇر ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىككى گۇماندارنى قولغا چۈشۈردى.
«سىز پەقەت ھېسابات يۆتكەشكىلا ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ، بانكا كارتىڭىز ۋە بانكا كارتىڭىزغا باغلانغان تېلېفون كارتىڭىزنى ئارىيەت بېرىپ تۇرسىڭىز، ھېچ ئىش قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھەر ئايدا ئاسانلا نەچچە مىڭ يۈەن تاپالايسىز». بۇ يىل 6- ئايدا، ئەمدىلا داشۆ پۈتكۈزگەن ما X خىزمەت تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋېيشىن توپىغا قوشۇلدى. بىر كۈنى، توپتا بىرەيلەننىڭ ئاكسىيە شىركىتىنىڭ خىزمىتىنى قوشۇمچە قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ما X قارشى تەرەپنىڭ ۋېيشىن نومۇرىنى قوشتى.
ئارقىدىن، قارشى تەرەپ ما Xنى بىر چايخانىدا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا شىركەتنىڭ «تىجارەت كىنىشكىسى»نى كۆرسىتىپ، ما Xكە بانكا كارتىسى ۋە بانكا كارتىسىغا باغلانغان تېلېفون كارتىسىنى ئارىيەتكە بەرسىلا قوشۇمچە ھەق ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«ئۇ ماڭا يول كىراسىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، يەنە مېنى كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى، يەنە مېنىڭ ھېساباتىمغا پۇل يۆتكەپ بەردى. بۇنداق ئاسانلا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم». ما X قارشى تەرەپ بىلەن ئارىيەتكە بېرىش توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن، بانكا كارتىسىنىڭ تىزىملىتىش مەخپىي نومۇرى ۋە چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىنى قارشى تەرەپكە دەپ بەردى.
ما X ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنماقتا. سۈرەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەمىنلىگەن
7- ئاينىڭ 2- كۈنى، ما X بانكا كارتىسىنى ئىشلىتەي دېگەندە كارتىسىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى بايقىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ بانكا كارتىسىدا يېقىندا 100 مىڭ يۈەنلىك مەبلەغ ئېلىم- بېرىمى يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى.
«مەن بەك پۇشايمان قىلدىم ھەم كېيىن بەك قورقتۇم، بۇنىڭدىن كېيىن بانكا كارتام ۋە كىملىكىمنى ناتونۇش كىشىلەرگە بېرىپ تۇرمايمەن»، دېدى ما X ساقچىلار سوراق قىلغاندا خىجىل بولغان ھالدا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى ما Xكە قانۇن بويىچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇپ مەمۇرىي جازا بەردى ھەم قانۇنغا خىلاپ تاپقان 1000 يۈەننى مۇسادىرە قىلدى.
«بىر خىزمەت ئۈچۈن تېلېگراف ئالدامچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ قالدىم، بۇ مېنىڭ كەلگۈسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىمغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟» دېدى 21 ياشلىق نۇ X ئەندىشە قىلغان ھالدا.
بۇ يىل 6- ئايدا، نۇ X مەلۇم ۋاسىتىچى تور بېكىتىدە مال سېتىۋېلىش ياردەمچىلىكىگە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ كارخانا ۋېيشىنسىنى قوشتى. قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا خىزمەتكە كىرىشنى ئۇقتۇردى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالىمىدى.
شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىمى شىركەتنىڭ بېزىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر توردا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، شىركەت مائاش تارقىتىشنى باھانە قىلىپ، نۇ Xكە بانكا كارتا نومۇرى بىلەن تەمىنلەشنى ئېيتتى، كېيىن 17020 يۈەن «بېزەش پۇلى»نى نۇ Xنىڭ كارتىسىغا يۆتكەپ، ئۇنىڭغا بۇ پۇلنى خېرىدارنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بېرىشنى ئېيتتى.
«بانكا كارتامنىڭ ھېسابات يۆتكەش چېكى بار، مەن پوكەيگە بېرىپ پۇل ئېلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىركەت تەمىنلىگەن بەش بانكا كارتىسىغا پۇلنى يۆتكىدىم، كېيىن مائاشىمنى ئالالمىدىم، شىركەتتىكىلەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشەلمىدىم»، دېدى نۇ X پۇشايمان قىلغان ھالدا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى نۇ Xكە 500 يۈەن جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازاسى بەردى.
دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈردىكى دېلولارنى بېجىرىش جەريانىدا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ قانۇن جەھەتتىكى «نادانلىقى» ئارقىلىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قېچىشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئەمەلىيەتتە، ئىجارىگە بېرىلگەن، ئارىيەتكە بېرىلگەن بانكا كارتىسى جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ جىنايەت تاپاۋىتىنى يۆتكىشىگە «ياردەم بېرىش» قىلمىشىدا، پۈتكۈل جىنايەت زەنجىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن، ئۇنىڭ زىيىنى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم ئىكەن. يۇقىرىقى دېلولاردا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار ئۆزىنى ئۆزى جىنايى قىلمىش سادىر قىلمىدىم، پەقەت ھېسابات يۆتكەپ پايدا قايتۇرۇش ھەققى ئالدىم دەپ قاراپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولغان.
ساقچى تەرەپ بانكا كارتىسىنى سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، قىلمىشى ئېغىر بولسا جىنايەتكە چېتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەگەر بىرەرسى سىزگە بۇنداقل «خىزمەت» ياكى «قوشۇمچە خىزمەت»نى تونۇشتۇرسا، ھەرگىز ئىشەنمەڭ، بولمىسا تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ تېخىمۇ زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)