يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ۋاڭ شيۇفاڭ ۋاقتى بولسىلا ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسىدا يېڭىدىن ئىجاد قىلغان «شىنجاڭ خۇائېر» ئەسىرىنى رېپېتىتسىيە قىلدى.
61 ياشلىق ۋاڭ شيۇفاڭ ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى چاڭشەنزى بازىرى ماچاڭخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى «شىنجاڭ خۇائېر»نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى.
ۋاڭ شيۇفاڭ مۇنداق دېدى: «ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسى يېقىندا قۇرۇلغان، بۇ يەردە قەرەلسىز ھالدا بىر قىسىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، لېكسىيە سۆزلىنىدۇ، <شىنجاڭ خۇائېر>نى ئېيتىشىش ئۆگىتىلىدۇ ۋە ئىجاد قىلىنىدۇ».
«شىنجاڭ خۇائېر» ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى «خۇائېر» ئاساسىدا، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۇزاقتىن بۇيان ئېيتىپ كەلگەن، روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە خەلق ناخشىسى. ۋاڭ شيۇفاڭنىڭ «شىنجاڭ خۇائېر»نى ئېيتىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى، ئۇ بىكار بولسىلا «شىنجاڭ خۇائېر» ھەۋەسكارلىرىنى باشلاپ رېپېتىتسىيە قىلىدۇ ۋە تەتقىق قىلىدۇ.
«شىنجاڭ خۇائېر»غا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ۋاڭ شيۇفاڭ ھويلىسىدا «شىنجاڭ خۇائېر» ئۆسمۈرلەر كۇرسى ئاچتى ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماق، ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «خۇائېر كىچىك ھويلىسى»نى قۇردى، «خۇائېر» ئىشخانىسى تەسىس قىلدى، نۇرغۇن مەكتەپ ئۇنى مەكتەپ سىرتىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلدى...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋاڭ شيۇفاڭنىڭ «شىنجاڭ خۇائېر»غا ۋارىسلىق قىلىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى، ئۇ پارتىيەنىڭ سىياسىتى، قانۇن- نىزاملىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تەسىرلىك ھېكايىلەر، ئەتراپىدىكى ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى «خۇائېر» ئاھاڭىغا سېلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى ئاۋازىنى يەتكۈزدى.
بۈگۈنكى كۈندە ۋاڭ شيۇفاڭ تەشكىللىگەن «خۇائېر كىچىك ھويلىسى» ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار ئەترىتى ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرى ئورۇنلاش شەكلى ئارقىلىق كوچىمۇكوچا يۈرۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى، ئەتراپىدىكى ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 600 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويدى، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەنلەر 200 مىڭدىن ئاشتى.
ۋاڭ شيۇفاڭ «شىنجاڭ خۇائېر» ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەدھىيەلەش بىلەن بىللە، يەنە ئۆزىنىڭ «خۇائېر كىچىك ھويلىسى» ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار ئەترىتىنى باشلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلار، كېسەل بالىلاردىن قەرەللىك ھال سورىدى، ئۇلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار سەككىز بالىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بەردى، يىللىق ئوتتۇرىچە ياردەم سوممىسى 15 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان ۋاڭ شيۇفاڭ «خۇائېر» ئارزۇسى يولىدا ماڭدى، شۇنداقلا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى كۈيلەيدىغان بەخت يولىدا ماڭدى.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، 2024- يىللىق 2- پەسىللىك «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» نامزاتلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى جۇڭگو مەدەنىيەت تورى ئارقىلىق نامايان قىلىندى، ۋاڭ شيۇفاڭ نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
«بۇ ئىلھام، شۇنداقلا رىغبەت». ۋاڭ شيۇفاڭ مۇنداق دېدى: مەن تېخىمۇ يېقىشلىق، تېخىمۇ دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە «شىنجاڭ خۇائېر» ئەسەرلىرىنى داۋاملىق ئىجاد قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ «خۇائېر»دىن زوق ئېلىپ، ئۇنى چۈشىنىپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە تۈرتكە بولىمەن، شۇنداقلا «شىنجاڭ خۇائېر»غا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى ئاۋازىنى «خۇائېر» ئارقىلىق ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزىمەن.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)