شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 7- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يەن لياڭ، شيۇڭ ماۋلىڭ) دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى بايدېن 7- ئاينىڭ 21- كۈنى 2024- يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى ھەم مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ خارىسنى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرەتتە: 7- ئاينىڭ 4- كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئاقسارايدا سۈرەتكە تارتىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ يوۋسۇڭ فوتوسى
بايدېن شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئەسلىدە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى ئىدىم، لېكىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئىتى ئۈچۈن، سايلام رىقابىتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدىم ھەم قېپقالغان زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمدىكى مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشقا كۆڭۈل قويىمەن.
بايدېن ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خارىسنى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرگە ئىتتىپاقلىشىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپنى مەغلۇپ قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)