7- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭدىكى بىر كارخانا جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ «كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىردى. بۇ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ غەيرىي پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى تۇنجى چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش كەسپىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى بۇ كارخانىنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال بۇ كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارنىڭ ماتېرىياللارنى تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىغا «چىقىرىش» سىياسىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلىگەن.
كۆپ تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە زور كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇشىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى تېزدىن بۇ كارخانىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىپ، «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» بويىچە پۈتۈن مۇساپىدە ئېلېكتىرونلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش كەسپىنى تېز قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5- ئايدا ھۆكۈمەت بۇيرۇقى شەكلىدە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىغا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 20 تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىنى بېرىپ، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىغا تېخىمۇ زور بولغان ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كارخانىسى (پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)نى ئەنگە ئالدۇرۇش، تاشقى ئەمگەك- مۇلازىمەت ھەمكارلىق تىجارىتى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىگە بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ.
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى بۇ يىل بەلگە خاراكتېرلىك تۈر قۇرۇلۇشى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، 151 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى سىياسەت تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، كەسىپ بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى «سىرتقا چىقىش»قا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)