ۋاڭ لوبىن كىلاسسىك ئەسەرلىرى داۋانچىڭدا ياڭرىدى
13:14:59 2024-07-24 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

«ۋېييۆ» گۇرۇپپىسى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى ۋاڭ لوبىن كىلاسسىك ئەسەرلىرى مۇزىكا كېچىلىكىدە «ئاشۇ يىراقتىكى جايدا» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقىن فوتوسى)

 «داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق، تاۋۇزى بەك تاتلىق، داۋانچىڭ قىزلىرىنىڭ ئۆرۈمە چاچلىرى ئۇزۇن، جۈپ كۆزلىرى شۇنچە چىرايلىق»... 7- ئاينىڭ 20- كۈنى «داۋانچىڭ قىزى»نىڭ ئورۇنلىنىشى بىلەن «تومۇز . ناخشا ساداسى ياڭرىغان داۋانچىڭ − ۋاڭ لوبىن كىلاسسىك ئەسەرلىرى مۇزىكا كېچىلىكى» باشلاندى.

 «ماھىرە»، «ياشلىق ئۇسسۇل كۈيى»، «ئالمىخان»، «گۈل ۋە ئۆسمۈر»، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت» قاتارلىق ۋاڭ لوبىن كىلاسسىك ئەسەرلىرى داۋانچىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زالىدا ياڭرىدى.

 1000غا يېقىن ئادەم سىغىدىغان زال لىق تولغان بولۇپ، ھەربىر مۇزىكا ئاخىرلاشقاندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا پەقەت ناخشا، پىيانىنو، داپنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

 62 ياشلىق يىن فۇچياڭ ۋاڭ لوبىنغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب، ئەسەرلەر توپلىمىنى يىغىپ ساقلىغان بولۇپ، مۇزىكا كېچىلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خوتۇنىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مېلودىيەلەرنىڭ ھەممىسى بەكلا تونۇش، بۇ ناخشىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتالايمىز، نەق مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى مۇۋاپىق يېڭىلىق يارىتىلىپ تەييارلانغان بولۇپ، يېقىملىق ھەم كۆرۈنۈشلىرى ناھايىتى قالتىس بوپتۇ».

 پۈتۈن مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىنى خۇابېي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى داشۆسىنىڭ «ۋېييۆ» گۇرۇپپىسى ئورۇنلىدى.

 «ۋېييۆ» گۇرۇپپىسى خۇابېي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى داشۆسى سەنئەت مائارىپى مەركىزىدىكى ناخشا ئوقۇتۇشى، تەتقىقاتى، ناخشا ئېيتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار كۆپ يىللاردىن بۇيان ۋاڭ لوبىن توپلىغان، پىششىقلاپ ئىشلىگەن ۋە ئىجاد قىلغان غەربىي شىمال خەلق ناخشىلىرىنى ئوقۇتۇش، تارقىتىش ۋە سەھنىدە ئورۇنلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزگىچە ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. «ۋېييۆ» گۇرۇپپىسى ئىككى قېتىم شەرەپلىك ھالدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «قەھرىمانلار يىغىلىشى» پىروگراممىسىغا چىققان؛ جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى بىلەن بىرلىكتە بەيشى كەيلى تىياتىرخانىسىدا بىر سەھنىدە تەڭ نومۇر ئورۇنلىغان؛ 2023- يىللىق 10- نۆۋەتلىك گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن قولتۇق رايونىنىڭ باھار بايرىمىلىق مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتناشقان؛ بېيكۇ خەلقئارا مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

 «ۋېييۆ» گۇرۇپپىسىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى دى رەننىڭ شىنجاڭ داۋانچىڭغا تۇنجى كېلىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ناخشىدا مەدھىيەلەنگەن داۋانچىڭغا كېلىپ بىر گۇرۇپپا ئەسەرلەرنى ئورۇنلاپ، ئوخشىمىغان بىر خىل بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. بىز كېلىشتىن بۇرۇن شوخ، لىرىك نومۇرلارنى تاللىدۇق، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان ئىللىقلىققا تولغان كۆرۈش- ئاڭلاش كاتتا مەرىكىسى سۇنۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».

 مۇزىكا كېچىلىكى ئاخىرلىشىش پەيتىدە، رىياسەتچىنىڭ «ئەمدى بىز بىرلىكتە <داۋانچىڭ قىزى> دېگەن ناخشىنى ئېيتايلى» دېگەن سۆزىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تاماشىبىنلار ئەگىشىپ ئېيتىشقا باشلىدى، مۇشۇنداق ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا مۇزىكا كېچىلىكى يېڭىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

 بۇ قېتىمقى مۇزىكا كېچىلىكىنى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125