ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار كۆرۈڭلار! خىزمەت ئىستاژىنى بېكىتكەندە ئارخىپ يىتۈپ كەتسە، مۇنداق تولۇقلاپ بېجىرگىلى بولىدۇ
11:46:28 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) «پېنسىيەگە چىقىشىمغا ئاز قالدى، خىزمەت ئىستاژىمنى بېكىتىش كېرەك، لېكىن ئارخىپىمنى تاپالمىدىم، قانداق قىلسام بولىدۇ؟»، يېقىندا، كارخانىدىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىم: «خىزمەت ئىستاژىنى بېكىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئارخىپ يىتۈپ كەتسە قانداق تولۇقلاپ بېجىرگىلى بولىدۇ؟»، دەپ مەسلىھەت سورىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

بىرىنچىدىن، تولۇقلاپ بېجىرمەكچى بولغان خادىملارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۇناسىپ ئورۇنغا بېرىپ قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشىگە توغرا كېلىدۇ.

ئىدارىنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشىغا تەۋە بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارخىپخانا (ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ئەنجۈ جەنۇبىي يولى 58- نومۇر) ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا (ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى تيەنئېخۇ يولى بىلەن جەنۇبىي ۋېيتەي يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىنىڭ شەرقىي يۆنىلىشىدىكى شياۋلۈگۇ ئەتراپىدا)غا بېرىپ، شۇ يىلى ئەمگەك كاپالەت تارمىقى ياكى كادىرلار تارمىقى تەستىقلىغان ئىشچى قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى ئىزدەپ تاپسا بولىدۇ.

ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈپ تەقسىم قىلىشقا تەۋە بولسا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرغان ئورۇنغا بېرىپ (ئورنى يوقلار تۇرۇشلۇق ئورۇن قاراشلىق مەسئۇل باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ) سۈرۈشتە قىلىدۇ ھەم شۇ چاغدىكى «تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى»نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەۋە بولسا، ھەربىي سەپكە كىرگەن جايدىكى خەلق قوراللىق بۆلۈمى (ئەسكەر ئېلىش ئىشخانىسى) «قايسى يىل، قايسى ئايدا ھەربىي سەپكە كىرىشنى تەستىقلىغان» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ بېرىشى ھەم شۇ يىللىق يېڭى ئەسكەرلەر تىزىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (تامغا بېسىلىشى كېرەك)نى قوشۇپ بەرگەندىن سىرت، يەنە ئالاقىدار تارماقلار «قايسى يىل، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

2009- يىلىدىن بۇرۇن ئارمىيەدىن چېكىنگەن، ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر- بازارلىرىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «قايسى يىل، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

2009- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن، ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر- بازارلىرىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «قايسى يىل، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

2011- يىلىدىن كېيىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «قايسى يىل، قايسى ئايدا مەلۇم قىسىمدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچىدىن، تولۇقلاپ بېجىرىدىغان خادىملار ئىدارىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ھەم خىزمەت ئىستاژىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان دەسلەپكى ئىسپات، كىنىشكا (مەسىلەن، مائاش جەدۋىلى، يوقلىما جەدۋىلى، خىزمەت كىنىشكىسى، تەقدىرنامە، شەرەپ گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار)نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ھەم كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھەر يىلىنىڭ يىل بېشىدىكى، يىل ئاخىرىدىكى بىر ئاينىڭ مائاش جەدۋىلىنى تەمىنلىشى كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، تولۇقلاپ بېجىرىدىغان خادىملارغا يەنە ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنى «قايسى يىل، قايسى ئاي، قايسى سەۋەب بىلەن ئورۇندىن ئايرىلغان» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر ئەسلىدىكى ئورۇن مەۋجۇت بولمىسا، ئەسلىدىكى ئورۇننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى قوشۇۋالغۇچى تەرەپ چىقىرىپ بەرسە بولىدۇ.

ئالاقىدار خادىملار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئالدامچىلىق قىلىش، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارمىقى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئالداپ ئېلىۋالغان سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125