«QQ خېرىدارلار مۇلازىمى»نىڭمۇ يالغىنى بار! ئۈرۈمچىدە ساقچى بىلەن بانكا ھەمتۈرتكە بولۇپ، 190 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ساقلاپ قالدى
18:45:00 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ چىڭشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ پېڭ) 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، «QQ ئەزالىق ھەققىنى داۋاملاشتۇرۇپ تاپشۇرۇش»قا دائىر بىر مەيدان ئالدامچىلىق ئۈرۈمچىدە تۇيدۇرماي يۈز بەردى، تىيانشان رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى دەرھال ئارىغا چۈشتى، ھەمدە بانكا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، زىيان تارتقۇچىنىڭ بانكا كارتىسى ھېساباتىنى جىددىي توڭلىتىپ، چىقىم قىلىشنى توختىتىپ، كارتا ئىچىدىكى 190 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ساقلاپ قالدى.

 7- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 13لەردە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شىنمىن يولى ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدىكى ئاھالە جاڭ خانىمنىڭ جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى. جاڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بايا چۈشلۈك تاماق تەييارلاۋاتقاندا، ئۆزىنى «QQ خېرىدارلار مۇلازىمى» دەپ ئاتىۋالغان خەلقئارا تېلېفوننى قوبۇل قىلغان، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ QQ ئەزالىق ۋاقتىنىڭ توشۇپ قالغانلىقىنى، دەرھال داۋاملىق ھەق تۆلەپ مۇلازىمەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. جاڭ خانىمنىڭ نەۋرىسى دائىم ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا QQغا چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ كۆپ ئويلانمايلا، قارشى تەرەپنىڭ يېتەكلىشى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن بىر ئۇلانمىنى چېكىپ، بىر «QQ»نى قاچىلىغان.

 «سىز ھەقاچان بىر دەلىللەش نومۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىز، دەلىللەش نومۇرىنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەن بۇ ياقتا سىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ ھەق تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ بېرەي...» قارشى تەرەپ جاڭ خانىمدىن دەلىللەش نومۇرىنى تەلەپ قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ ھەق تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىۋاتقاندا، ئۇ يان تېلېفون مەشغۇلاتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولماي قېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، جىددىي ئەھۋالدا، جاڭ خانىم كەسكىن ھالدا تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، ئۇدۇل تەۋەلىك رايوندىكى ساقچىخانىغا بېرىپ ياردەم سورىغان.

 مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى دېلونى تېزدىن دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭ تىپىك «ئەزالىق ھەققىنى داۋاملاشتۇرۇپ تاپشۇرۇش» تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلوسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. خەلق ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن جاڭ خانىمغا ياردەملىشىپ ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بانكىغا بېرىپ، ھېساباتنىڭ ئاقما ھېساباتىنى جىددىي بېسىپ چىقاردى ھەمدە بانكىدىن بانكا كارتىسى ھېساباتىنى توڭلىتىپ پۇل تۆلەشنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ساقچى بىلەن بانكا ئىككى تەرەپنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشى ئارقىلىق، جاڭ خانىمنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 190 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ قېلىندى.

 «سىلەرگە كۆپ رەھمەت! مەن بۇنداق ئىشنىڭ مېنىڭ بېشىمغا كېلىشىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغانىدىم، مەن بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ھوشيارلىقىمنى تېخىمۇ ئۆستۈرىمەن!» ئىشتىن كېيىن، جاڭ خانىم خەلق ساقچىلىرى ۋە بانكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەمدە خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قايتا سۆزلىگەن ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

 بۇ ئىش ئارقىلىق، ساقچى تەرەپ كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە قايتا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ئالدىدا چوقۇم يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، كەلگەن ناتونۇش تېلېفون ۋە ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يۇمشاق دېتاللارنى خالىغانچە چەكمەسلىك ياكى چۈشۈرمەسلىك، دەلىللەش نومۇرى، مەخپىي نومۇر قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ۋاقتىدا گۇڭئەن خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ياردەم سوراپ، مال- مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125