سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز
20:31:35 2024-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − شىنجاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىپ، زور كۆلەملىك مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرت. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

 كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە- مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

 «ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنداق ماسلىشىدىغان تەرەققىيات بىر مەنىۋى مەدەنىيەت مول، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلىدۇ.» شىنجاڭ داشۆ جۇڭگو تىل- ئەدەبىيات شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جىن رۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىدە، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيمىز.

 «ماددىي مەدەنىيلىكنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، چوقۇم ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيلىك تىرەك بولۇشى كېرەك، ماددىي باياشاتلىق، مەنىۋى بايلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى.» شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر يەن گوجياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»كە بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېزىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

 بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى، مېھمانساراي باشقۇرۇش فاكۇلتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇەن جىڭيۈن تۇرپان شەھىرىدە ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ،  ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات جەريانىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى ئوقۇتۇش ۋە ئەمەلىيەتكە سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

 مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ. «بىز شىنجاڭ تۇپرىقىدا ساقلىنىپ قالغان ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، تارىخىي پاكىتنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەيمىز. باش تېمىسى مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى، كۆچمە مۇزېي ھەم <مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى + ئىپادىلەش + مەدەنىيەت ئىجادىيىتى> ئىجادىي ھالدا مۇزېيى بايلىقلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش تۈرى قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز.» شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق بىلدۈردى: 7- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغان ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانى 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، مۇزېيىمىزدا مۇزېي ئىچىدىكى دۆلەت مۇزېيى زالى، گۇگۇڭ زالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نادىر بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنى نامايان قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە كىرگۈزىمىز.

 «ياشلار كەچلىك مەكتىپى» «چولپانلار سەنئەت سالونى» ياش دوستلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى؛ «پۇقرالار چوڭ سەھنىسى»دە تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مول ھەم رەڭدار بولدى؛ «بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايلى» تەربىيەلەش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى چۇڭچىڭ، سەنيا، شىئەن قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلدى... يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

 «سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاش، ئەقىل- پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان <يۇلتۇزلار تىيانشاندا چاقنىدى> ئاممىۋى ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۇلۇغ دەۋرنى تەسۋىرلەيدىغان بىر تۈركۈم ئاممىۋى ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ساراي باشلىقى جوۋ ۋېنلياڭ.

 قەشقەر ۋىلايەتلىك گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر شەھەرلىك 8- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قۇربانجان غۇلام مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىندا پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش جەريانىدا، مەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ياخشى سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەتنىڭ تارىخىي ئاساسى ۋە مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر رەسىم سىزىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىمەن».

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ خاۋ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئوبلاستنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە - ئاممىۋى پىكىر ئاساسىي بازىسىنى مەھكەم ساقلايمىز، «دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، غۇلجا شەھىرى ئالتە شوئار كوچىسى مەنزىرە رايونىدا 300دىن ئارتۇق خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپ ھالىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، پۇقرالارغا يېقىن بولغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز».

 ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس دېڭ شۈەنبىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىدېئولوگىيە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات- سەنئەت داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى بەرپا قىلىش، يۈكسەلدۈرۈشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى، بولۇپمۇ ھەرقايسى تۈردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت تايانچ ئىختىساسلىقلىرى ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى» «بىزنىڭ بايرىمىمىز» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى سىجىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

 (مۇخبىر جيا چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ شىنخۇڭ، يىن لۇ، ھەبىبە، لى لى، سۇڭ خەيبو)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125