7- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە توردا ئېلان قىلىنغان جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ XXنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قېلىپىدىن چىقىپ كېتىشكە چېتىشلىق قىلمىشى توغرىسىدىكى پاش قىلىش ئۇچۇرىغا مەكتەپ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كېچىلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پاش قىلىنغان ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ۋاڭ XX ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتىن، بۇرچتىن ئېغىر دەرىجىدە يۈز ئۆرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى، مەكتەپ قائىدىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ۋاڭ XXكە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش، پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئاسپىرانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى، تەكلىپ قىلىش مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يوليورۇق سوراپ مەلۇمات يوللاندى، شۇنداقلا مەسىلە يىپ ئۇچى قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىنكاس قىلىندى. جۇڭگو خەلق داشۆسى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قېلىپىدىن چىقىپ كېتىش قىلمىشىغا «قەتئىي يول قويمايدۇ»، بىرنى بايقىسا، بىرنى قەتئىيلىك بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز ئاياپ قويمايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، مەكتەپ بۇنى ئىبرەت قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)