ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورت سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشتى
17:48:34 2024-07-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا) تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ تاموژنا ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈش سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورتى سىجىل ئاشقان، جەمئىي 100 مىڭ توننا ھەر خىل مېۋە ئېكسپورت قىلىنغان، ئېكسپورت سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %44.9 ۋە %20 ئاشقان.

图片

7- ئاي، دەل يازلىق شاپتۇللار پىشىپ بازارغا كىرىدىغان چاغ، باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسى قازغان كەنتىدىكى شاپتۇللۇقتا باغۋەنلەر يېڭى شاپتۇللارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش. سۈرەتنى باي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، شىنجاڭ ئېكسپورت قىلغان مېۋە تۈرلىرىدىن ياڭاق، بادام، شاپتۇل، ئۈزۈم، ئالقات، چىلان، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق 11 خىل تۈر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغىنى ياڭاق بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى شىنجاڭ مېۋە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %39ىنى ئىگىلىگەن؛ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى يېڭى ئالما بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى شىنجاڭ مېۋە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %15ىنى ئىگىلىگەن؛ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى يېڭى شاپتۇل بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 152 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى شىنجاڭ مېۋە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %12.7ىنى ئىگىلىگەن.

 ئېكسپورت قىلىنىدىغان جايلاردىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا، مەسىلەن، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، بېنگال، فىلىپپىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ھىندونېزىيە، مالايسىيا قاتارلىقلارغا ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان يەنە ياپونىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىپ، دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيگەن.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6- ئايدا شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورت مىقدارى 23 مىڭ توننا بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 225 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 6- ئاي شىنجاڭنىڭ توغاچ قاتارلىق يېڭى شاپتۇل تۈرىدىكى مېۋىلەر كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدىغان پەسلى بولۇپ، يېڭى شاپتۇل ئېكسپورتى تېز ئېشىپ، ئېكسپورت سوممىسى 116 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتكۈل 6- ئايدىكى مېۋە ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %51.5ىنى ئىگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ يېڭى شاپتۇللىرى ئاساسلىقى قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە، قىرغىزىستان شىنجاڭنىڭ يېڭى شاپتۇللىرى ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان جاي بولۇپ، يېڭى شاپتۇل ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن %90ىنى ئىگىلىگەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خاس باغ- ئورمان بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، باغ- ئورمان ئېكسپورت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پائال تۈردە خەلقئارا بازارنى ئېچىپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق باغ- ئورمان كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2023- يىلى شىنجاڭ تۈرلۈك مېۋىدىن جەمئىي تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەنلىك ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، 2022- يىلىدىكىدىن %80كە يېقىن ئاشقان. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125