مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىغا بېرىپ ھال سوراش ئويۇنى قويدى
11:59:55 2024-07-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

 7- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە سۆرۈن شامال چىقىپ، يىراقتىكى كەچكى شەپەق، يېقىندىكى ئېگىز تاغ چىملىقلىرى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى. بۇ چاغدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۇەنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىر تەرەپتىن ئارمىيە مارشى ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئويۇننى كۈتمەكتە ئىدى.

mmexport1721634154628

7- ئاينىڭ 21- كۈنى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇسسۇل نومۇرى كۆرسەتمەكتە. كاڭ بىنلىن فوتوسى

 بۇ كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى 60تىن ئارتۇق ئارتىس شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا بىر مەيدان ئېسىل ھال سوراش ئويۇنى ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ ئويۇندا خانى مىللىتى ئاياللىرىنىڭ «جىلغا ساداسى» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇلى بولۇپلا قالماستىن، تاجىك مىللىتىنىڭ «شادلىققا چۆمگەن پامىر» ناملىق خەلق ناخشىسى، يەنە مىللىي چالغۇلار بىلەن كوللېكتىپ ئورۇنلانغان «ياشلىق ئۇسسۇلى»مۇ بار ئىدى، مول نومۇرلار جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125