7- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە لىيۈسەن يولى بىلەن چۈەنجوۋ يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىدا پولاتتىن ياسالغان تىزگىنلەش كىلاپانى قۇدۇقىنى ئالماشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشى قىلىنىدىغان بولغاچقا، گاز توختىتىشقا توغرا كەلگەن.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 7- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 23تىن 25- كۈنى سائەت 10غىچە، سۇجوۋ كوچىسىنىڭ جەنۇب تەرىپى، لىيۈسەن يولىنىڭ شەرق تەرىپى، جيەنشىن كوچىسىنىڭ شىمالى، چۈەنجوۋ كوچىسىنىڭ جەنۇب- شىمال ئىككى تەرىپىدىكى يېقىلغۇ گاز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ گازى توختىتىلىدىكەن.
گاز توختىتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئىشلەتكۈچىلەر چاي- چارۋا شىركىتى، ئالتۇن دېڭىز قىرغىقى مېھمانسارىيى، دېڭىز پورتى شەھەرچىسى، لىيۈسەن گۈللۈكى ئاشخانىسى، خۇڭشىن سودىسى، ئوۋفېڭ خۇادۇ، شەنشۈي خۇاتىڭ قاتارلىقلار ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا،7- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 23تىن 26- كۈنى سائەت 10غىچە، چۈەنجوۋ كوچىسىنىڭ يىنچۇەن يولىنىڭ شىمالىي تەرىپى بىلەن كېسىشكەن جايىدا يېقىلغۇ گاز كىلاپانى ئالماشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، گاز توختىتىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇ چاغدا يىنچۇەن يولىنىڭ شەرق- غەرب ئىككى تەرىپى، سۇجوۋ يولىنىڭ جەنۇب تەرىپى، شىمالىي ساي يولى قوشۇمچە يولىنىڭ غەرب تەرىپى، چۈەنجوۋ كوچىسىنىڭ جەنۇب- شىمال ئىككى تەرىپىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ گازى توختىتىلىدىكەن.
گاز توختىتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان رايونلار ياڭگۇاڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى، كۆكتات تازىلاش زاۋۇتى، شىنلۈجوۋ ئولتۇراق رايونى، شىنتوۋ خەلقئارا گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى يىنچۇەن يولى ئولتۇراق ئۆيى، جىنيۈەن ئولتۇراق رايونى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەكتىپى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش يولى كۆۋرۈكى، شياڭۋېيخۇ خۇسۇسىي تۇرالغۇسى، فۇرۇي جياشىڭ ئولتۇراق رايونى، كەيتې شىركىتى ئولتۇراق ئۆيى، باجياخۇ شىمالىي قورۇسى، شېنجيې سودىسى، ۋېيخەيپېڭ ئۆي- مۈلۈك مەركىزىي شەھەر گۈللۈكى، خەلقئارا لىدۇ، لېجۈ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى، زىيۈنگې 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى، رۇڭچۇاڭ. جيۇشى سۇپىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)