سۈرەت كۆپ تارقالدى! نۇرغۇن ياش دوختۇرخانىدا «بوينىنى ئاستۇرۇپ» داۋالاندى؟ دوختۇر مۇنداق ئەسكەرتتى
17:24:54 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا، تورداشلار شاڭخەيدىكى بىر دوختۇرخانىدا تارتىلغان كۆرۈنۈشنى كۆپ مىقداردا تارقاتتى.

 سۈرەتتىن قارىغاندا، نۇرغۇن ياش قاتار ئولتۇرغان، بوينىدىن ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، يەنە سېھىرلىك قىزىل نۇر بار ئىدى ...

 نۇرغۇن تورداش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بويۇن ئومۇرتقىسىنى فىزىكىلىق داۋالىتىشنى مەنمۇ قىلىپ باققان!» «خىزمەتدىشىم كۈندە ئىدارىدە بوينىنى ئېسىپ ئولتۇرىدۇ».

 بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېر، يان تېلېفوننى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۈنسېرى ئېشىپ، نۇرغۇن ياش ئوخشاشلا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بويۇن، مۈرە تېلىپ ئاغرىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، يۈرەك سىقىلىش، دېمى سىقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، بىلىكى ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار بار. بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئىچىدە سوزۇش ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

 ئىگىلىنىشىچە، فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى تۈگىتىپ، يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنى يېنىكلەتكىلى، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنى ياخشىلىغىلى ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، بويۇن ئومۇرتقىسىنى سوزۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بويۇن ئاغرىقى ۋە بىئاراملىقنى پەسەيتكىلى بولىدىكەن، ئەمما يەنە بەزىلەر «بوينىنى ئاستۇرغان» كىشىلەر ئارىسىدا يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يان تېلېفونغا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان! 

 دوختۇرنىڭ ئەسكەرتىشى: ھەممە ئادەم «بوينىنى ئاستۇرۇش»قا ماس كېلىۋەرمەيدۇ

 شاڭخەي شەھەرلىك 6- خەلق دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى سوزۇلما كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، نۇرغۇن ئاغرىق بىر قېتىم فىزىكىلىق داۋالانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر نەچچە باسقۇچ داۋالانسا بولىدۇ، ئالدى بىلەن ئاغرىققا نىسبەتەن باھالاش ئېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىق تىپقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاندىن سوزۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125