2024- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 2- تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
14:37:14 2024-07-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ) 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2- تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتى، نومۇر چېكى رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

2- تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى:

(1) ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتا C دەرىجىدىن يۇقىرى بولۇش (C دەرىجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شەھەر دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتا B دەرىجىدىن يۇقىرى بولۇش (B دەرىجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

(2) تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، سەنئەت ساپاسى ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇش؛

(3) جۇغراپىيە، بىيولوگىيە بىر تۇتاش سىناش نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇش؛

(4) مەكتەپنىڭ تەكشۈرۈش پەن دەرىجىسىدە لاياقەتلىك بولۇش.

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان مەكتەپلەر:

(1) ئادەتتىكى تۈردىكىلەر: ئۈرۈمچى ناھىيەسى مىياۋئېرگۇ ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 97- ئوتتۇرا مەكتەپ.

(2) ئايرىم پىلان تۈرىدىكىلەر: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 58- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 69- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 135- ئوتتۇرا مەكتەپ.

يۇقىرىقى مەكتەپلەرگە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئارزۇسى توپلىنىدۇ.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125